3 يۇنۇس پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە بىنائەن نىنەۋىگە باردى. نىنەۋى ئىنتايىن چوڭ شەھەر بولۇپ، ئۇنى ئارىلاپ چىقىشقا ئۈچ كۈن كېتەتتى.
ئەتىسى سەھەردە ئىبراھىم ئېشىكىنى تەييارلاپ، ئىسھاق بىلەن ئىككى چاكىرىنى ئېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئىشلىتىدىغان ئوتۇنلارنى تەييارلاپ، خۇدا كۆرسەتكەن جايغا قاراپ ماڭدى.
راھىلە: «مەن ھەدەم بىلەن قاتتىق كۈرەش قىلىپ، ئاخىر ئۇنى يەڭدىم» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى نافتالى [مەنىسى «كۈرىشىم»] دەپ قويدى.
ئى پەرۋەردىگار، ھەققانىيلىقىڭ ئوخشار بۈيۈك تاغلارغا، ھۆكۈملىرىڭ دېڭىز-ئوكيان چوڭقۇرلۇقىغا، غەمخورلۇق قىلىسەن ئىنسان ھەم ھايۋانغا.
تاغلار قالدى ئۇنىڭ سايىسى تېگىدە، كېدىر دەرەخلىرى قالدى شاخلىرى ئاستىدا.
شۇنىڭ بىلەن ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب ھايات قالغان قوشۇنلىرىنى ئېلىپ، ئۆز ئېلىگە قايتتى. پادىشاھ سانخېرىب نىنەۋى شەھىرىدىكى ئۆيىگە قايتىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ سەن دەرھال بۈيۈك شەھەر نىنەۋىگە بېرىپ، شەھەردىكىلەرگە ھۆكۈمۈمنى جاكارلا، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ نەقەدەر رەزىل ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.
مەن ئاق-قارىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان 120 مىڭ ئادىمى ۋە نۇرغۇن ھايۋانلىرى بار نىنەۋىدەك چوڭ شەھەرگە ئىچ ئاغرىتماي تۇرالامدىم؟! _ دېدى.
يېنىمدا يالغۇز لۇقا قالدى. ماركۇسنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ كەل. ئۇ خىزمەتلىرىمدە ماڭا ياردەمچى بولىدۇ.