3 سەن تاشلىدىڭ مېنى تېگىگە چوڭقۇر دېڭىزنىڭ، قورشىۋالدى مېنى كۈچلۈك سۇلار، بېسىپ ئۆتتى ئۈستۈمدىن دولقۇنلىرىڭ، ئۆركەشلىرىڭ.
ئۆلۈم دولقۇنلىرى ئورىۋالدى مېنى، ھالاكەت سەللىرى چۈمكىدى مېنى.
مەن سۆيىمەن پەرۋەردىگارنى، چۈنكى ئۇ ئاڭلار نىدايىمنى، ئاڭلار مېنىڭ ئۆتۈنۈشۈمنى.
قۇلاق سالغاچ ئۇ ماڭا، ئۆمۈرۋايەت نىدا قىلىمەن ئۇنىڭغا.
نىدا قىلسام پەرۋەردىگارغا، كۈلپەتتە قالغىنىمدا، ئۇ جاۋاب بەردى ماڭا.
گۈلدۈرلەپ ئېقىپ چۈشكەن شارقىراتمىلىرىڭدەك، توختىماي كەلمەكتە بېشىمغا كۈلپەتلىرىڭ، بېسىپ ئۆتمەكتە مانا ئۈستۈمدىن دولقۇنلىرىڭ، ئۆركەشلىرىڭ.
سۇ باستى مېنى، ئۆلدۈم، دېدىم ئىچىمدە.
ئى پەرۋەردىگار، چوڭقۇر ئورىدىن ئىلتىجا قىلدىم ساڭا.