2 «نالە قىلدىم پەرۋەردىگارغا كۈلپەتتە قالغىنىمدا، قۇلاق سالدى ئۇ ماڭا. پەرياد قىلدىم چوڭقۇر يېرىدىن ئۆلۈكلەر ماكانىنىڭ، قۇلاق سالدىڭ نالەمگە سەن مېنىڭ.
ماناسسە قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۆزى ۋە ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدادىن مەدەت تىلىدى ھەمدە ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھىغا قاتتىق توۋا قىلدى.
ئۆلۈم ئاسارەتلىرى چىرمىدى مېنى، گۆرىستان ۋەھىمىسى قاپسىدى مېنى، قايغۇ، ھەسرەت ئىلكىگە ئالدى مېنى.
نىدا قىلسام پەرۋەردىگارغا، كۈلپەتتە قالغىنىمدا، ئۇ جاۋاب بەردى ماڭا.
بىلىمەن، تاشلاپ قويمايسەن مېنى گۆر ئىچىگە، يول قويمايسەن تەقۋادارىڭنىڭ تېنىنىڭ چىرىشىگە.
چۈنكى، ئۇ ئۇنتۇپ قالمىدى خورلانغانلارنى، ئۇلاردىن يىرگەنمىدى ھەم يوشۇرمىدى ئۆزىنى، بەلكى، ئاڭلىدى ئۇلارنىڭ نىدالىرىنى.
پەرۋەردىگار ئاڭلاپ پېقىرنىڭ نىدايىنى، ھەممە كۈلپەتلەردىن قۇتقۇزدى مېنى.
جاۋاب بەرگىن، نىدا قىلسام ساڭا، ئېھ مېنى ھىمايە قىلغۇچى خۇدا. مېنى ئازاد قىلغانىدىڭ كۈلپەتتە قالغىنىمدا، ئاڭلىغىن دۇئايىمنى يەنە رەھىم قىلىپ ماڭا.
چۈشكۈنلۈك باسقاندا قەلبىمنى، ئىلتىجا قىلىمەن يىراقتىن ساڭا، يېتەكلىگىن مېنى پاناھلىنىدىغان ئېگىز قورام تاشقا.
دۇئالارنى ئاڭلىغۇچى ئى خۇدا، ھەممە ئىنسان كېلىدۇ سېنىڭ ئالدىڭغا.
چۈنكى قۇتقۇزدۇڭ جېنىمنى جەھەننەم دەرگاھىدىن، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ شۇنچە چەكسىز بولغاچ ماڭا.
يەر ئاستىدىكى ئۆلۈكلەر دۇنياسى سېنى خۇشال قارشى ئالىدۇ، بۇرۇن يەر يۈزىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئۆلۈكلەرنى ئويغىتىدۇ، بۇرۇنقى پادىشاھلار چىرىگەن تەختلىرىدىن قوپۇپ سېنى كۈتۈۋالىدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، چوڭقۇر ئورىدىن ئىلتىجا قىلدىم ساڭا.
ئۇ چاغدا سەن ئۆلۈكلەر ماكانىدا بۇرۇنقى زاماندا ئۆلۈپ كەتكەنلەر بىلەن بىرگە بولىسەن، سەن ئۇ يەردە ئۇلار بىلەن ئۇ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدە ياشايسەن. سەن ھېچقاچان قايتىپ كېلەلمەيسەن، تىرىكلەر دۇنياسىدىكى بۇرۇنقى ئورنۇڭغا مەڭگۈ ئېرىشەلمەيسەن.
بۇنىڭدىن كېيىن سۇ ياقىسىدىكى باشقا دەرەخلەر ئۇنىڭغا ئوخشاش بۇلۇتقا تاقاشقۇدەك ئېگىز ئۆسمەيدۇ. سۇ مەنبەسى تولۇق بولغان دەرەخلەرمۇ ئۇنىڭدەك يوغىنىمايدۇ، ئۇلارمۇ ئىنسانلارغا ئوخشاش ئۆلۈمگە مەھكۇم بولۇپ، گۆرگە بەند بولىدۇ.›
يۇنۇس پەيغەمبەر يوغان بىر بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز قانداق تۇرغان بولسا، ئىنسانئوغلىمۇ يەرنىڭ باغرىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز شۇنداق تۇرىدۇ.
چۈنكى، تىلىگەنلەر چوقۇم ئېرىشىدۇ، ئىزدىگەنلەر چوقۇم تاپىدۇ، ئىشىكنى قاققانلارغا ئىشىك چوقۇم ئېچىلىدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە تېخىمۇ ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ تەرلىرى يەرگە تۆكۈلگەن قان تامچىلىرىدەك چۈشۈشكە باشلىدى.
چۈنكى، سەن مېنى ئۆلۈكلەر دىيارىدا تاشلاپ قويمايسەن. سېنىڭ سادىق خىزمەتكارىڭنىڭ تېنىنىڭمۇ چىرىشىگە يول قويمايسەن.
ئەيسا مەسىھ يەر يۈزىدىكى ۋاقتىدا، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزالايدىغان خۇدانىڭ ئالدىدا قاتتىق يىغلاپ تۇرۇپ، كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا-تىلاۋەت قىلغان. ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىدىن دۇئالىرى خۇداغا يەتكەنىدى.
مېنى يامان ئايال دەپ قالمىسىلا، غەم-قايغۇلىرىمنىڭ كۆپلىكىدىن شۇنداق دۇئا قىلدىم، _ دېدى.
داۋۇت قىيىن ئەھۋالدا قالغانىدى، چۈنكى كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ئۈچۈن قاتتىق ھەسرەت چەكمەكتە ئىدى. ئۇلار داۋۇتنى چالما-كېسەك قىلايلى، دېيىشمەكتە ئىدى. لېكىن داۋۇت ئۆز پەرۋەردىگارى خۇدادىن مەدەت ئالدى.