يۇنۇس 1:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ سەن دەرھال بۈيۈك شەھەر نىنەۋىگە بېرىپ، شەھەردىكىلەرگە ھۆكۈمۈمنى جاكارلا، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ نەقەدەر رەزىل ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. Faic an caibideil |
سامارىيەدە ئودېد ئىسىملىك پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەيغەمبىرى بار ئىدى. ئۇ شەھەردىن چىقىپ، ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلگەن ئىسرائىلىيەنىڭ لەشكەرلىرىنى قارشى ئالدى ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ قاراڭلار، ئەجدادلىرىڭلارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا يەھۇدىيەلىكلەرگە غەزەپ قىلىپ، ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بەردى. سىلەر چەكسىز غەزىپىڭلار بىلەن ئۇلارنى قىرغىن قىلدىڭلاركى، ئۇلارنىڭ نالىسى پەلەككە يەتتى.