Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 9:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25-26 پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭلار، شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، مەن مىسىرلىقلارنى، يەھۇدىيەلىكلەرنى، ئىدوملۇقلارنى، ئاممونلۇقلارنى، موئابلىقلارنى ۋە شۇنداقلا قۇملۇقلارنىڭ چەت-ياقالىرىدا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن. چۈنكى بۇ خەلقلەرنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنغان بولسىمۇ، يولۇمدا ماڭمايدۇ. ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەرمۇ خەتنە قىلىنغان بولساڭلارمۇ، ئۆز قەلبىڭلارنى ئۆزگەرتمىدىڭلار، يولۇمدا ماڭمىدىڭلار.»

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 9:25
17 Iomraidhean Croise  

دىدان، تەما، بۇز خەلقلىرى، چەت-ياقا جايلاردا ياشاۋاتقان خەلقلەر،


ئەي، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم خەلقى، سىلەر خەتنە قىلىپ، خەلقىم بولغانىكەنسىلەر، قەلبىڭلارنى پاكلاپ، ئۆزۈڭلارنى ماڭا بېغىشلاڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، قىلغان رەزىللىكىڭلار ئۈچۈن، غەزىپىم خۇددى يالقۇنلاپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك سىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، ھېچكىم بۇ ئوتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.»


ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى ۋە بارلىق چارۋا ماللىرىنى تارتىۋېلىڭلار! مەن چەت-ياقا جايلاردا ياشاۋاتقان بۇ ئەللەرنى تەرەپ-تەرەپكە چېچىۋېتىمەن ھەمدە ئۇلارغا ھەممە تەرەپتىن بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەن.


سەن يات خەلقلەرنىڭ قولىدا خەتنە قىلىنمىغان ھالەتتە ئۆلىسەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


ئەي پىرئەۋن، سېنى ئېرەم باغدىكى قايسى دەرەخكە ئوخشىتاي؟ سەن بەرىبىر ئېرەم باغدىكى دەرەخلەرگە ئوخشاش ئۆلۈكلەر ماكانىغا مەھكۇم بولۇپ، خەتنە قىلىنمىغان، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەر بىلەن بىرگە بولىسەن! مانا بۇ سېنىڭ ۋە قوشۇنلىرىڭنىڭ ئاقىۋىتى.› بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


سىلەر تائام ھەدىيەلىرى، قۇربانلىقلارنىڭ مايلىرى ۋە قانلىرىنى سۇنغان ۋاقتىڭلاردا، خەتنە قىلىنمىغان تەكەببۇر يات خەلقلەرنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامغا كىرىشىگە يول قويۇپ، ئىبادەتخانامنى بۇلغىدىڭلار ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمگە خىلاپلىق قىلدىڭلار.


چېكى چېچىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار، ساقىلىڭلارنىڭ يانلىرىنى قىرقىماڭلار.


ئەۋلادلىرىڭلار مېنىڭمۇ سىلەر بىلەن قارشىلىشىپ، سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ يېرىگە پالىغانلىقىمنى توغرا چۈشىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى تاشلاپ، گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتقاندىن كېيىن،


«يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەر ئارىسىدىن يالغۇز سىلەرنىلا تاللىدىم. لېكىن سىلەر گۇناھ قىلدىڭلار، شۇڭا مەن سىلەرنى جازالايمەن.»


پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشتە يەھۇدىي بولغاننىڭ ھەممىسىنىلا ھەقىقىي يەھۇدىي دېگىلى بولمايدۇ. پەقەت جىسمانىي جەھەتتە خەتنە قىلىنىشىغا قاراپلا، ئۇنى ھەقىقىي خەتنە دېگىلى بولمايدۇ.


قەلبىدە خۇدانىڭ يولىنى تۇتقان ئادەم ھەقىقىي يەھۇدىيدۇر. ئۇنىڭ ھەقىقىي خەتنىسى يازما قانۇنغا ئېسىلىۋېلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن قەلب ئارقىلىق بولىدۇ. بۇنداق ئادەم ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن ماختىلىشقا سازاۋەر بولىدۇ.


_ يۈر، بۇ خەتنىسىزلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان يەرگە بارايلى، _ دېدى يوناتان قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە، _ پەرۋەردىگار بىز ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلسا ئەجەب ئەمەس. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىركىمگە نۇسرەت ئاتا قىلىشى، ئۇ كىشىنىڭ ئادىمىنىڭ ئاز ياكى كۆپ بولۇشىغا باغلىق ئەمەس.


داۋۇت يېنىدا تۇرغانلاردىن: _ بۇ فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللارنى بۇ ھاقارەتتىن خالاس قىلغان كىشى نېمىگە ئېرىشىدىكەن؟ مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلىدىغان بۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىك ئۆزىنى كىم دەپ ئويلايدىكەن؟ _ دەپ سورىدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan