Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 9:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 يېرۇسالېم خەلقىنىڭ ئۈمىدسىزلىنىپ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاڭلار: ‹بىز پۈتۈنلەي گۇمران بولۇپ، نومۇستا قالدۇق! ئۆيلىرىمىز بۇزۇۋېتىلگەچكە، ئۆز زېمىنىمىزدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇق!›»

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 9:19
20 Iomraidhean Croise  

كېلىڭلار، ئەي غەمدىن خالىي ئاياللار، مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار. تۇرمۇشى خاتىرجەم خېنىملار، مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەگەردە مۇسا بىلەن سامۇئىل ئالدىمدا تۇرۇپ، بۇ خەلق ئۈچۈن ماڭا ئىلتىجا قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ خەلققە ھېچقانداق مېھىر-شەپقەت كۆرسەتمەيتتىم. بۇ خەلق كەتسۇن! كۆزۈمدىن يوقالسۇن!


ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەر قۇلمۇ؟ سىلەر قۇللۇققا تۇغۇلغانمۇ؟ نېمە ئۈچۈن سىلەر ئولجىلاردەك ئېلىپ كېتىلدىڭلار؟


قاراڭلار، دۈشمەن قارا بۇلۇتلاردەك كېلىدۇ. ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى قۇيۇندەك كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئاتلىرى بۈركۈتلەردىن تېز چاپىدۇ. ھالىمىزغا ۋاي! بىز ۋەيران بولىمىز!


پۈتكۈل زېمىن تاكى ۋەيران بولغۇچە، ئاپەتلەر بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى توختىماي يۈز بېرىدۇ. توساتتىن بارلىق چېدىرلىرىمىز ۋەيران بولىدۇ. چېدىرغا يېپىلغان كىگىزلەرمۇ تۇيۇقسىز يىرتىلىپ كېتىدۇ.


ھەمدە سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىلىيەلىكلەرنى قوغلىغاندەك، سىلەرنىمۇ كۆز ئالدىمدىن قوغلاپ چىقىرىمەن.»


بۇ قىلمىشلىرى بىلەن ئۇلار ماڭا ئەمەس، ئۆزلىرىگە زەرەر كەلتۈرمەكتە. ئۇلار ئۆزلىرىنى شەرمەندە قىلماقتا!


شۇڭا ئەي يېرۇسالېملىقلار، ماتەم تۇتۇپ، چاچلىرىڭلارنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار! تاقىر تاغلارغا چىقىپ ماتەم ناخشىسىنى ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار غەزەپلىنىپ، بۇ ئەۋلاد كىشىلەرنى رەت قىلدى ۋە ئۇلارنى تاشلىۋەتتى» دېگىن.


كىشىلەر ۋارقىرىشىپ ئۇلارغا: «يوقىلىش، ئەي ناپاكلار، يوقىلىش، يوقىلىش، تېگىپ كېتىشمە بىزگە!» دېيىشەر. شۇڭا سەرسان، سەرگەردان بولدى ئۇلار. يات خەلقلەرمۇ: «بۇ يەردە تۇرۇشما» دەپ ھەيدىشەر.


ياتلارغا تاپشۇردۇڭ ئۆزۈڭ بەرگەن زېمىنىمىزنى، يات خەلقلەرگە بەردىڭ ئۆيىمىزنى.


_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن تىر شەھىرى ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇ.


ئۇلار تۇرغان زېمىنلارمۇ بۇلغاندى. مەن ئۇلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن بۇ زېمىننى جازالايمەن، شۇڭا بۇ زېمىن ئۇلارنى قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ.


ئەگەر سىلەرمۇ بۇ زېمىننى بۇلغىساڭلار، بۇ زېمىن ھازىر ياشاۋاتقان خەلقلەرنى قۇسۇپ چىقىرىۋەتمەكچى بولغاندەك، سىلەرنىمۇ قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ.


مېنىڭ بارلىق قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. شۇندىلا سىلەر مەن سىلەرنى ئېلىپ بارغان زېمىندىن قۇسۇپ چىقىرىۋېتىلىشتىن ساقلىنالايسىلەر.


ئورنۇڭلاردىن قوپۇڭلار! بۇ يەردىن كېتىڭلار. بۇ زېمىن ئەمدى سىلەرگە خاتىرجەم ماكان بولالمايدۇ! بۇ زېمىننى سىلەر گۇناھىڭلار بىلەن بۇلغىدىڭلار، ئۇنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلدىڭلار.


ئۇ كۈن كەلگەندە، يات خەلقلەر سىلەرنى زاڭلىق قىلىپ: ‹بىز تۈگەشتۇق، پەرۋەردىگار زېمىنىمىزنى باشقىلارغا بېرىۋەتتى. مۈلكىمىزنى ئېلىپ كەتتى، بىزگە خائىنلىق قىلغانلارغا يەرلىرىمىزنى ئېلىپ بەردى.› دەپ مەسخىرە ناخشىسى ئوقۇشىدۇ.»


خۇددى قارىغۇ ئادەم يول تاپالماي، تىمىسقىلاپ يۈرگەندەك، سىلەرمۇ كۈپكۈندۈزدە تىمىسقىلاپ يۈرىسىلەر. يوللىرىڭلار راۋان بولمايدۇ، داۋاملىق باشقىلارنىڭ زۇلۇم قىلىشىغا ۋە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىغا ئۇچرايسىلەر. ھېچكىم سىلەرنى قۇتقۇزمايدۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan