Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 9:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 كۆزلىرىڭلاردىن ياشلار تاراملاپ چۈشكۈچە، ئۇلار تېز كېلىپ سىلەر ئۈچۈن نالە-پەرياد قىلسۇن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 9:18
19 Iomraidhean Croise  

خەلقلەر بويسۇنمىغاچ قانۇنۇڭغا، كۆز يېشىم دەريا بولۇپ ئاقماقتا.


شۇڭلاشقا، مەن دەيمەنكى: «ماڭا قارىماڭلار! مەن ئۆكسۈپ يىغلىماقتىمەن. ئاجىز خەلقىمنىڭ گۇمران بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ماڭا تەسەللى بېرىمەن دەپ، ئۇرۇنماڭلار.»


ئەگەر سىلەر يەنىلا سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىساڭلار، سىلەرنىڭ بۇ مەغرۇرلۇقۇڭلار ئۈچۈن، پەقەت مەنلا يالغۇز قايغۇرۇپ يىغلايمەن. قاتتىق يىغلايمەن، كۆزلىرىم ئازاب ياشلىرىغا تولىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى سۈرگۈن بولۇپ كېتىدۇ.»


پەرۋەردىگار ماڭا، خەلقىمگە ئۆز دەردىمنى تۆكۈشنى بۇيرۇدى، شۇڭا مەن مۇنداق دېدىم: «كۆزلىرىمدىن كېچە-كۈندۈز توختىماي ياش ئاقتى. چۈنكى ئۆز قىزىمدەك قەدىرلىك بولغان خەلقىم جاراھەتلەندى. ئۇلار ئېغىر يارىلاندى.


بىز نومۇسسىزلارچە بۇتلارغا چوقۇنغانلىقىمىزدىن تارتىپ، ئەجدادلىرىمىز ئىشلەپ تاپقان ھەممە نەرسىمىز يوق بولدى، چارۋا ماللىرىمىز ۋە ئوغۇل-قىزلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق.


بىز ئەسلى خىجالەتچىلىكنى كۆرپە، نومۇسنى يوتقان قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن بىزمۇ ئەجدادلىرىمىزغا ئوخشاش ھەمىشە پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلىپ كەلدۇق. بالىلىق دەۋرىمىزدىن تارتىپ تاكى مۇشۇ كۈنگىچە بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلماي كەلدۇق.›»


پۈتكۈل زېمىن تاكى ۋەيران بولغۇچە، ئاپەتلەر بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى توختىماي يۈز بېرىدۇ. توساتتىن بارلىق چېدىرلىرىمىز ۋەيران بولىدۇ. چېدىرغا يېپىلغان كىگىزلەرمۇ تۇيۇقسىز يىرتىلىپ كېتىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن مەن دېدىم: «ئەي، مېنىڭ قەدىرلىك خەلقىم، ماتەملىك كىيىمىڭلارنى كىيىپ، كۈلگە مىلىنىپ، قايغۇ-ھەسرەتكە چۆمۈڭلار. خۇددى يالغۇز بالاڭلارنى يوقىتىپ قويغاندەك قاتتىق قايغۇرۇڭلار. چۈنكى ۋەيران قىلغۇچى قوشۇن ناھايىتى تېزلا كېلىپ، بىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ.»


شۇڭا ئەي يېرۇسالېملىقلار، ماتەم تۇتۇپ، چاچلىرىڭلارنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار! تاقىر تاغلارغا چىقىپ ماتەم ناخشىسىنى ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار غەزەپلىنىپ، بۇ ئەۋلاد كىشىلەرنى رەت قىلدى ۋە ئۇلارنى تاشلىۋەتتى» دېگىن.


بېشىم قۇدۇق، كۆزلىرىم بۇلاق بولغاي، ئۆلتۈرۈلگەن خەلقىمگە كېچە-كۈندۈز يىغلاي.


مەن مۇنداق دېدىم: «تاغلار ئۈچۈن نالە قىلىپ ياش تۆكىمەن. مەن كەڭ كەتكەن يايلاقلار ئۈچۈن ماتەم تۇتىمەن. ئۇلار ۋەيران بولغانلىقىدىن ھېچكىم ئۇ يەرلەردىن ئۆتمەيدۇ. كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى ئاڭلانمايدۇ. ھەتتا ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان قۇشلار ۋە دالالاردىكى ياۋايى ھايۋانلارمۇ قېچىپ كېتىدۇ.»


مەن مۇنداق دېدىم: «ئەي يىغلاۋاتقان ئاياللار، ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ نېمە دېگىنىنى ئاڭلاڭلار. قۇلىقىڭلارنى دىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان سۆزلەرنى تىڭشاڭلار. قىزلىرىڭلارغا نالە-پەرياد قىلىشنى ئۆگىتىڭلار ھەمدە ھەربىرىڭلار قوشناڭلارغا ماتەم ناخشىسىنى ئۆگىتىڭلار.


يىغلايدۇ ئۇ كېچىلىرى، مەڭزىلىرى تولار ياشقا، ئاشنىلىرىدىن ھېچكىم بەرمەس تەسەللى ئۇنىڭغا، دوستلىرىمۇ يۈز ئۆرۈپ، دۈشمەن بولدى ئۇنىڭغا.


تولا يىغلاپ كۆزلىرىمنىڭ نۇرى ئۆچتى، يۈرىكىمگە پىچاق تىققاندەك باغرىم تىتىلدى. چۈنكى خەلقىم ۋەيران، بالىلار، بوۋاقلار شەھەر كوچىلىرىدا ھوشسىز ياتاتتى.


ئەي يېرۇسالېم، نېمە دەي ساڭا؟ كىمنىڭ دەردى يېتەر ساڭا؟ ئەي سىئون، قانداق تەسەللى بېرەي ساڭا؟ نېمىگە ئوخشىتاي سېنى، ساقايماستۇر جاراھىتىڭ، تاپالايدۇ جاراھىتىڭگە كىممۇ داۋا؟


ئەي سىئوننىڭ شەھەر سېپىلى، نىدا قىل چىن قەلبىڭدىن ئىگىمىزگە! كېچە-كۈندۈز ئاقسۇن يېشىڭ دەريا كەبى، كۈن ۋە تۈن يۇمما كۆزلىرىڭنى.


خەلقىمنىڭ ھالاكىتىدىن كۆز يېشىم بولدى دەريا.


ئىگىمىز، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ھەربىر شەھەر مەيدانلىرىدىن نالە-پەرياد، ھەربىر كوچىدىن يىغا-زار كۆتۈرۈلىدۇ. دېھقانلار ھازا تۇتۇشقا، مەرسىيەچىلەر يىغلاشقا چاقىرتىلىدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلگەندە، شەھەرنى كۆرۈپ، ھەسرەتتە كۆز يېشى قىلىپ:


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan