Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 9:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنى ياخشى ئويلاپ كۆرۈڭلار! يىغىچى ئاياللارنى چاقىرىپ كېلىڭلار، ئۇلارنىڭ ئەڭ ماھىرلىرى كەلسۇن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 9:17
12 Iomraidhean Croise  

يەرەمىيا پەيغەمبەر پادىشاھ يوشىياغا ئاتاپ مەرسىيە ئوقۇدى. شۇنىڭدىن بېرى پادىشاھ يوشىيانى خاتىرىلەپ مەرسىيە ئوقۇش ئىسرائىللارنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ، بارلىق ئەر-ئايال ناخشىچىلار ئۇنى خاتىرىلەپ، مەرسىيە ئوقۇپ كەلمەكتە. بۇ مەرسىيەلەر «مەرسىيەلەر توپلىمى»دا خاتىرىلەنگەندۇر.


ئاشۇ كۈندۈزنى قارغىيالايدىغانلار، لىۋياتاننى ئويغىتىشقا قادىر بولغانلار ئاشۇ كېچىنى قارغىسۇن.


ئۇ چاغدا ئېگىزدىن قورقىسەن، يول ماڭساڭ ئالاقزادە بولىسەن، چاچلىرىڭ بادام چېچىكىدەك ئاقىرىدۇ، كۈچۈڭ خوراپ، ھەۋەسلىرىڭ يوقىلىدۇ. ئۇ چاغدا مەڭگۈلۈك ماكانىڭغا قايتىسەن، ھازا تۇتقانلار كوچىدا ئارقاڭدىن كېلىدۇ.


شۇڭا ئەي يېرۇسالېملىقلار، ماتەم تۇتۇپ، چاچلىرىڭلارنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار! تاقىر تاغلارغا چىقىپ ماتەم ناخشىسىنى ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار غەزەپلىنىپ، بۇ ئەۋلاد كىشىلەرنى رەت قىلدى ۋە ئۇلارنى تاشلىۋەتتى» دېگىن.


ئىگىمىز دۈشمەن كەبى ۋەيران قىلدى ئىسرائىلىيەنى، ۋەيران قىلىپ سارايلارنى، تۈزلىۋەتتى قەلئەلەرنى، يەھۇدىيە خەلقى توختىتالماس ماتەم يىغىسىنى.


_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن تىر شەھىرى ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇ.


بۇ مىسىر ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان مەرسىيەسىدۇر. ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئاياللىرى مىسىر ۋە ئۇنىڭ خەلقى ئۈچۈن بۇ مەرسىيەنى ئېيتىشىدۇ. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، سىلەر ھەققىدە ئېيتىلغان بۇ ماتەم كۈيۈمگە قۇلاق سېلىڭلار:


ئۇ كۈن كەلگەندە، يات خەلقلەر سىلەرنى زاڭلىق قىلىپ: ‹بىز تۈگەشتۇق، پەرۋەردىگار زېمىنىمىزنى باشقىلارغا بېرىۋەتتى. مۈلكىمىزنى ئېلىپ كەتتى، بىزگە خائىنلىق قىلغانلارغا يەرلىرىمىزنى ئېلىپ بەردى.› دەپ مەسخىرە ناخشىسى ئوقۇشىدۇ.»


ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئىبادەتخانا مەسئۇلىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، نەي چېلىۋاتقان ۋە ھازا تۇتۇپ يىغلاۋاتقان ئادەملەر توپىنى كۆرۈپ،


ئۇلار ئىبادەتخانا مەسئۇلىنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلگەندە، ھەزرىتى ئەيسا قاتتىق دەرد-پەرياد كۆتۈرگەن كىشىلەر توپىنى كۆردى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan