13 پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ خەلق مېنىڭ ئۇلارغا چۈشۈرگەن قانۇنلىرىمنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇ ئىشلار يۈز بەردى. ئۇلار ماڭا بويسۇنمىدى، يولۇمدا ماڭمىدى.
ئەمما سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، مېنىڭ يولۇمنى تۇتمىساڭلار، مەن بۇيرۇغان قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تەرك ئەتسەڭلار، باشقا ئىلاھلارنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇلارغا چوقۇنساڭلار،
ئى خۇدايىمىز! بىراق ئەمدى بىز نېمە دېيەلەيمىز؟ سېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىڭغا يەنە ئىتائەت قىلمىدۇق.
تەرك ئەتكەچ رەزىللەر تەلىملىرىڭنى، باسالمايمەن ئۇلارغا بولغان غەزىپىمنى.
پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىدىن ۋاز كېچىش يامانلارنى ماختىغانلىقتۇر، ئۇنىڭ تەلىمىگە ئەمەل قىلىش يامانلار بىلەن قارشىلاشقانلىقتۇر.
بۇ رەزىل خەلق مېنىڭ تەلىملىرىمگە بويسۇنۇشنى رەت قىلدى. ئۇلار جاھىللارچە ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ ماڭدى. باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇندى ۋە سەجدە قىلدى. شۇڭا ئۇلار بۇ پوتىغا ئوخشاش ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ.
ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ: ‹چۈنكى بۇ خەلق پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى تاشلاپ، بۇتقا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى.›»
ئۇلار سەندىن: ‹نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە بۇنداق غەزەپلىنىدۇ؟› دەپ سورايدۇ. سەن ئۇلارغا: ‹چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگاردىن ۋاز كېچىپ، ئۆز زېمىنىڭلاردا بۇتلارغا چوقۇندۇڭلار. شۇڭا سىلەر يات زېمىندا يات ئەللەرنىڭ قۇلى بولىسىلەر› دەپ جاۋاب بېرىسەن.
لېكىن ھېچقايسىڭلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار، ھەتتا ئېتىبارمۇ قىلمىدىڭلار. سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا قارىغاندا تېخىمۇ جاھىل ۋە ئاسىي بولدۇڭلار.»