21 خەلقىمنىڭ ۋەيران بولغانلىقىدىن، يۈرىكىم لەختە بولدى. مەن قايغۇردۇم، بەكمۇ ھودۇقۇپ كەتتىم.
پادىشاھقا: _ ئالىيلىرىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي! ئەجدادلىرىم دەپنە قىلىنغان شەھەر خارابلىقتا، شەھەر دەرۋازىلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرسا، مەن قانداقمۇ پەرىشان بولماي تۇرالاي؟ _ دەپ جاۋاب بەردىم.
پەرۋەردىگار ماڭا، خەلقىمگە ئۆز دەردىمنى تۆكۈشنى بۇيرۇدى، شۇڭا مەن مۇنداق دېدىم: «كۆزلىرىمدىن كېچە-كۈندۈز توختىماي ياش ئاقتى. چۈنكى ئۆز قىزىمدەك قەدىرلىك بولغان خەلقىم جاراھەتلەندى. ئۇلار ئېغىر يارىلاندى.
«يەھۇدىيە قايغۇ-ھەسرەت چېكىدۇ، ئۇنىڭ شەھەرلىرى سەكراتقا چۈشىدۇ. ئۇنىڭ پۇقرالىرى ئازابلىنىپ ياتىدۇ، يېرۇسالېم ياردەم سوراپ نالە قىلىدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، مەن سېنىڭ خەلقىڭ ئۈچۈن قىلىدىغان خىزمىتىمنى تاشلىمىدىم. مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت چۈشۈرۈشۈڭنى خالىمىدىم. مەن ئېيتقان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى بىلىسەن.
مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم: «بۇ بىر ئازاب! مەن بۇ ئازابقا بەرداشلىق بېرەلمەيمەن! ۋاي يۈرىكىم! يۈرىكىم قاتتىق سوقۇۋاتىدۇ! مەن سۆزلىمەي تۇرالمايمەن. مەن دۈشمەننىڭ بۇرغا ۋە جەڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلاۋاتىمەن.
كىشىلەر نالە قىلىپ: «ياز ئۆتۈپ، ھوسۇل ئالىدىغان ۋاقىتمۇ ئاياغلاشتى. بىراق بىز تېخى قۇتقۇزۇلمىدۇق» دېيىشىدۇ.
بېشىم قۇدۇق، كۆزلىرىم بۇلاق بولغاي، ئۆلتۈرۈلگەن خەلقىمگە كېچە-كۈندۈز يىغلاي.
ئازاب چەككەن ئىنسانمەن خۇدانىڭ غەزەپ تايىقىدا.
خەلق ئۇلارنى كۆرۈپ، ھوشىنى يوقىتىدۇ ۋە چىرايلىرىدا قان قالمايدۇ.
نىنەۋى شەھىرى يىقىلىدۇ، پۈتۈنلەي قۇرۇقدىلىپ، ۋەيران بولىدۇ. نىنەۋىلىكلەرنىڭ يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ، پۇت-قوللىرىدا جان قالمايدۇ، تەنلىرى جۇغۇلداپ، چىرايلىرىدا قان قالمايدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلگەندە، شەھەرنى كۆرۈپ، ھەسرەتتە كۆز يېشى قىلىپ: