20 كىشىلەر نالە قىلىپ: «ياز ئۆتۈپ، ھوسۇل ئالىدىغان ۋاقىتمۇ ئاياغلاشتى. بىراق بىز تېخى قۇتقۇزۇلمىدۇق» دېيىشىدۇ.
ئەقىل-ئىدراكلىق ئوغۇلدۇر ھوسۇلنى ۋاقتىدا يىغقان، ئۇياتقا قالدۇرىدىغان ئوغۇلدۇر ئورما مەزگىلىدە ئۇخلىغان.
قەدىرلىك خەلقىمنىڭ بۇ زېمىننىڭ ھەممە يەرلىرىدە يىغلاۋاتقىنىنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: «سىئوندا ئەمدى پەرۋەردىگار يوقمۇ؟ سىئوننىڭ پادىشاھى ئەمدى بۇ يەردە تۇرمامدۇ؟» دەپ يىغلايدۇ. پەرۋەردىگار: «ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئۇلار يات ئەللەرنىڭ ئەرزىمەس بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ، غەزىپىمنى قوزغايدۇ؟» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
خەلقىمنىڭ ۋەيران بولغانلىقىدىن، يۈرىكىم لەختە بولدى. مەن قايغۇردۇم، بەكمۇ ھودۇقۇپ كەتتىم.
ئۆينىڭ خوجايىنى ئىشىكنى تاقىغان ۋاقتىدا، سىلەر تاشقىرىدا تۇرۇپ: «تەقسىر، ئىشىكنى ئېچىڭ!» دەپ ئىشىكنى قاقساڭلار، ئۇ: «ياق! ئاچمايمەن، چۈنكى سىلەرنى تونۇمايمەن» دەيدۇ.
سىلەرنى ۋە بالىلىرىڭلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ، ھەتتا بىر تال ئۇل تېشىنىمۇ جايىدا قالدۇرمايدۇ. چۈنكى، خۇدا سىلەرگە شاپائەت قىلغان پۇرسەتنى پەرق ئېتەلمىدىڭلار، - دېدى.