Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 8:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 سۆڭەكلىرى بۇرۇن ئۆزلىرى سۆيۈپ، چوقۇنۇپ، سەجدە قىلغان، يول كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىبادەت قىلغان قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار ئاستىدا چېچىلىپ ياتىدۇ. بۇلار ھەرگىزمۇ قايتا يىغىلىپ كۆمۈلمەيدۇ. ئۇلار خۇددى گەندىدەك تاشلىنىپ قالىدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 8:2
32 Iomraidhean Croise  

ئۇلار پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇدانىڭ بارلىق ئەمرلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىككى دانە موزاينىڭ بۇتىنى ھەم ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ياسىدى، شۇنداقلا ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا ۋە بائالغا چوقۇندى.


ئۇ ئاتىسى خىزكىيا بۇزۇۋەتكەن غەيرىي سەجدىگاھلارنى قايتىدىن ياساتتى. ئۇ يەنە ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابقا ئوخشاش ئىلاھ بائالغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ياساتتى ھەمدە ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى.


ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى ۋە تاشقىرىقى ھويلىلىرىغا ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياساتتى.


ئۇ ئىلگىرىكى يەھۇدىيە پادىشاھلىرى يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق قىلىشقا قويغان بۇتپەرەس روھانىيلارنى بىكار قىلدى. چۈنكى ئۇلار بائال، كۈن، ئاي، يۇلتۇز تۈركۈملىرى ۋە بارچە يۇلتۇزلارغا قۇربانلىق قىلغانىدى.


باسار ئۇلارنى شۇنچە كۈچلۈك ۋەھىمە، ھەتتا ھېچبىر قورقۇنچ يوق يەردە. چۈنكى ئەي ئىسرائىل، يانچىۋېتەر خۇدا سېنى قورشاۋغا ئالغانلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى. سەن دەرۋەقە ئۇياتتا قالدۇرىسەن ئۇلارنى، چۈنكى خۇدا رەت قىلغاندۇر يامانلىق قىلغۇچىلارنى.


ئۇلار ئېندور يېزىسىدا قىرىلغانىدى، تەنلىرى تېزەك كەبى ئوغۇتقا ئايلانغانىدى.


ھالاك قىلغايسەن ئۇلارنىڭ بەگلىرىنى ئورېب ۋە زىئېبتەك، ئەمىرلىرىنى زەباخ ھەم زالمۇننادەك.


بىر باي ئادەم يۈز پەرزەنتلىك بولۇشى ھەمدە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ ھاياتتىن قانائەت ھاسىل قىلالمىسا ياكى بۇ دۇنيادىن كەتكەندە ھۆرمىتى بىلەن كۆمۈلمىسە، مېنىڭچە بۇنداق ئادەمدىن ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپ كەتكەن ھامىلە ياخشىراقتۇر.


ئۇلارنىڭ ۋەھىيلىرىگە قۇلاق سالغانلارمۇ ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقنىڭ قۇربانلىرى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى يېرۇسالېم كوچىلىرىغا تاشلىنىدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاياللىرى، ئوغۇل-قىزلىرىنىمۇ دەپنە قىلمايدۇ. مەن ئۇلارغا ۋەيرانچىلىق ياغدۇرىمەن، چۈنكى ئۇلار شۇنىڭغا لايىق.


سەن ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مېنى تاشلىۋېتىپ، باشقا ئىلاھلارنى ئىزدىگەن، ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلغان، مېنى رەت قىلىپ، قانۇنلىرىمغا بويسۇنمىغانىدى.


ئۇلار ئەجەللىك كېسەللەر بىلەن ئۆلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرغۇدەك ئادەم قالمايدۇ، ئۇلار دەپنە قىلىنمايدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى خۇددى ئېتىزغا چېچىلغان گەندىدەك ھەممە يەردە چېچىلىپ ياتىدۇ. ئۇلار ئۇرۇشتا ياكى ئاچارچىلىقتا ئۆلىدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ.


بۇ زېمىندىكى بايلارمۇ كەمبەغەللەرمۇ ئوخشاشلا ئۆلىدۇ. ئۇلار دەپنە قىلىنمايدۇ ياكى ئۇلارغا ماتەم تۇتالمايدۇ. كىشىلەر ئۇلار ئۈچۈن بەدەنلىرىنى تىلىپ ياكى چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈپ، قايغۇ-ھەسىرەتلىرىنى ئىپادىلىمەيدۇ.


يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەر ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئۆيلىرى توفەتكە ئوخشاش جەسەتلەر بىلەن بۇلغىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدە يۇلتۇزلارغا ئاتاپ كۈجە كۆيدۈردى ۋە بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇندى.›»


ئۇ خۇددى ئېشەككە ئوخشاش ئۆلۈكى قەبرىسىز قالىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتى يېرۇسالېم دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغا سۆرەپ ئېلىپ چىقىلىپ، تاشلىۋېتىلىدۇ.


شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر جاھاننىڭ ئۇ چېتىدىن تاكى بۇ چېتىگىچە ھەممە يەردە ياتىدۇ. ھېچكىم ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرمايدۇ ياكى ئۇلارنى يىغىپ دەپنە قىلمايدۇ. بەلكى ئۇلار خۇددى گەندىدەك تاشلىنىپ قالىدۇ.


بارلىق جايلار، ھەتتا جەسەتلەر بىلەن كۈللەر دۆۋىلەنگەن جەنۇبتىكى پۈتۈن جىلغا، شەرقتىكى، يەنى ئۇنىڭ يېنىدىكى قىدرون جىلغىسىغا تۇتىشىدىغان ئېتىزلار ۋە ئۇنىڭغا تۇتىشىدىغان ‹ئات دەرۋازىسى›غىچە بولغان بارلىق جايلار ماڭا بېغىشلانغان بولىدۇ. يېرۇسالېم شەھىرى مەڭگۈ ۋەيران بولمايدۇ ھەم يوقالمايدۇ.»


شۇڭا مەن پەرۋەردىگار يەھۇدىيە پادىشاھى بولغان سەن يىھوياقىم توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن: سېنىڭ داۋۇتنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ھېچقانداق ئەۋلادىڭ بولمايدۇ. سېنىڭ جەسىتىڭ دالاغا تاشلىنىپ، كۈندۈزى ئاپتاپتا، كېچىدە سوغۇقتا قالىدۇ.


مەن مۇنداق دېدىم: «ئەي يىغلاۋاتقان ئاياللار، ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ نېمە دېگىنىنى ئاڭلاڭلار. قۇلىقىڭلارنى دىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان سۆزلەرنى تىڭشاڭلار. قىزلىرىڭلارغا نالە-پەرياد قىلىشنى ئۆگىتىڭلار ھەمدە ھەربىرىڭلار قوشناڭلارغا ماتەم ناخشىسىنى ئۆگىتىڭلار.


چۈنكى ئۆلۈم بىزنىڭ دېرىزىلىرىمىزدىن يامىشىپ، قورغانلىرىمىزغا كىرىپ كەلمەكتە. ئۇ كوچىلاردا ئويناۋاتقان بالىلىرىمىزنى، شەھەر مەيدانلىرىدا توپلانغان ياشلىرىمىزنى ئېلىپ كەتتى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرى خۇددى گەندىلەردەك ھەممە يەرلەرنى قاپلىغان. ئۇلار خۇددى ئورىۋېتىلگەن، ئەمما باغلانمىغان زىرائەتلەردەك يەرلەردە چېچىلىپ ياتىدۇ.›»


چۆلگە تاشلايمەن. ئۆلۈكۈڭ دالادا قالىدۇ، ھېچكىم سېنى ئېلىپ كېلىپ كۆممەيدۇ. مەن سېنى يىرتقۇچ ھايۋانلار ۋە قاغا-قۇزغۇنلارغا يەم قىلىپ بېرىمەن.


سەن دالادا ھالاك بولىسەن، چۈنكى مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار بۇنى ئېيتتىم.


ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى بۇتلىرىنىڭ ئالدىدا قالىدۇ، سۆڭەكلىرىنى قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ ئەتراپىغا چېچىۋېتىمەن.


ئاندىن ئۇ مېنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىغا باشلاپ كىردى. ئىبادەتخانا ئالدىدا، يەنى تاشقىرىقى خانا بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىدا تەخمىنەن 25 ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كەينىنى قىلىپ، كۈنچىقىش تەرەپكە يۈزلىنىپ، قۇياشقا سەجدە قىلىۋاتاتتى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىنسانلارغا بالايىئاپەت ئەكېلىپ، ئۇلارنى ئەمالاردەك تىمىسقىلاپ ماڭدۇرىمەن. چۈنكى ئۇلار ماڭا قارشى گۇناھ قىلدى. ئۇلارنىڭ قانلىرى يۇندىدەك تۆكۈلىدۇ، جەسەتلىرى چىرىتىپ تاشلىنىدۇ.»


ئۆگزىلەرگە چىقىۋېلىپ، كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇزلارغا چوقۇنىدىغانلارنى، ماڭا سەجدە قىلىپ، مېنىڭ نامىمدا قەسەم قىلغان تۇرۇقلۇق، يەنە ئىلاھ مولەكنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغانلارنى ھالاك قىلىمەن.


بۇنى كۆرگەن خۇدا ئەجدادلىرىمىزدىن نەزىرىنى يۆتكەپ، ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بەردى. ئۇلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا چوقۇنۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن، پەيغەمبەرلەر مۇقەددەس يازمىلاردا خاتىرىلىگەندەك، خۇدا ئۇلارنى مۇنداق ئەيىبلىدى: «ئەي ئىسرائىللار! سىلەر قىرىق يىل جەريانىدا چۆلدە قۇربانلىق قىلغىنىڭلاردا، ماڭا ئەمەس، بەلكى ئۆز قوللىرىڭلار بىلەن ياسىغان بۇتلارغا،


ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلماي، باشقا نەرسىلەرنى ئىلاھ بىلىپ، قۇياش، ئاي ياكى يۇلتۇزلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلسا،


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئالەمدىكى ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان قۇياش، ئاي، يۇلتۇز قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرىنى كۆرگەن ۋاقتىڭلاردا، ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ، چوقۇنماڭلار.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan