18 مېنىڭ قايغۇ-ھەسىرەتلىرىمگە داۋا يوق! يۈرىكىم قاتتىق ئازابلىنىۋاتىدۇ.
ماڭا تېزدىن جاۋابىڭنى بەرگىنە پەرۋەردىگار، بولمىسا ئۈمىدلىرىم بەربات بولۇپ ھالىم كېتەر، ئۆتۈنەي، دىدارىڭنى يوشۇرمىغىن مەندىن زىنھار. بولمىسا تېنىم مېنىڭ گۆردە بولار.
شۇڭلاشقا، مەن دەيمەنكى: «ماڭا قارىماڭلار! مەن ئۆكسۈپ يىغلىماقتىمەن. ئاجىز خەلقىمنىڭ گۇمران بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ماڭا تەسەللى بېرىمەن دەپ، ئۇرۇنماڭلار.»
ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ يامانلىقىدىن كۆڭلۈم بىئارام بولدى، پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ كەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا قارشى ئېيتقان مۇقەددەس سۆزلىرىدىن مەن خۇددى شارابنى كۆپ ئىچىۋالغان مەستتەك گاڭگىراپ قالدىم.
مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم: «بۇ بىر ئازاب! مەن بۇ ئازابقا بەرداشلىق بېرەلمەيمەن! ۋاي يۈرىكىم! يۈرىكىم قاتتىق سوقۇۋاتىدۇ! مەن سۆزلىمەي تۇرالمايمەن. مەن دۈشمەننىڭ بۇرغا ۋە جەڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلاۋاتىمەن.
يېرۇسالېم ئاھالىلىرى نالە قىلىشىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇلار توغرىسىدا ئاڭلىغان! بىز قورقۇنچ ئىچىدە يار-يۆلەكسىز قالدۇق! ئازاب بىزنى چىرمىۋالدى. بىز خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك قىينىلىۋاتىمىز!
بېشىم قۇدۇق، كۆزلىرىم بۇلاق بولغاي، ئۆلتۈرۈلگەن خەلقىمگە كېچە-كۈندۈز يىغلاي.
دەرد-ئەلەمگە تولدى قەلبىمىز، يىغلاۋېرىپ خىرەلەشتى كۆزىمىز.
ئاڭلاپ بۇلارنى شۈركەندى تېنىم. شاۋقۇندىن ھەم تىترىدى لېۋىم. قورقۇنچتىن بوشاپ كەتتى پۇت-قوللىرىم، غال-غال تىترەپ، دەلدەڭشىپ تۇرالماي قالدىم. كۈتەرمەن شۇندىمۇ سەۋرچانلىق بىلەن، بىزگە ھۇجۇم قىلغۇچىلارغا بالايىئاپەت كېلىدىغان كۈننى.