15 بىز تىنچلىقنى ئىزدىدۇق، لېكىن ھېچبىر ياخشى ئىش يۈز بەرمىدى. جاراھەتلىرىمىزنىڭ ساقىيىدىغان ۋاقتىنى كۈتكەنىدۇق، ئەمما ۋەھىمىدە قالدۇق.
بەختكە ئىنتىلسەم بالا-قازاغا ئۇچرىدىم، يورۇقلۇققا تەلپۈنسەم قاراڭغۇدا قالدىم.
دۈشمەننىڭ لەشكەرلىرى تاقىر تاغلاردىن ئۆتۈپ كېلىدۇ. مەن پەرۋەردىگار بۇ قوشۇنلارنى قىلىچ قىلىپ ئىشلىتىمەن. ئۇلار پۈتكۈل زېمىننى جازالايدۇ، ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، سەن يەھۇدىيەنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتتىڭمۇ؟ سەن سىئون خەلقىدىن نەپرەتلىنەمسەن؟ نېمە ئۈچۈن بىزنى ساقايغىلى بولمايدىغان ھالەتتە ئېغىر يارىلاندۇرىسەن؟ بىز تىنچلىقنى ئىزدىدۇق، لېكىن ھېچبىر ياخشى ئىش يۈز بەرمىدى. جاراھەتلىرىمىزنىڭ ساقىيىدىغان ۋاقتىنى كۈتكەنىدۇق، ئەمما ۋەھىمىدە قالدۇق.
مەن: _ ئى پەرۋەردىگار خۇدا، سەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدىكى خەلقلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن: «سىلەر ئامان قالىسىلەر!» دەپ ئالدىشىغا يول قويغانىدىڭ. ئەمەلىيەتتە قىلىچ گېلىمىزغا ئاللىقاچان تەڭلىنىپ بولغانىدى! _ دېدىم.
ئېتىزغا بارماڭلار، يوللاردا يۈرمەڭلار! چۈنكى ئۇ يەرلەردە قىلىچ تۇتقان دۈشمەنلەر بار، ھەممە يەرنى ۋەھىمە باسقان.»
ئۇلار خەلقىمنىڭ يارىسىغا سەل قاراپ ‹ھەممە ئىش ياخشى! ھەممە ئىش جايىدا!› دەپ، قولىنىڭ ئۇچىدىلا داۋالايدۇ. بىراق ئىشلار ئۇلار دېگەندەك ئەمەس.
ۋەھىمىلىك كۈن كېلىدۇ، خەلقىم ئامانلىق ئىستەيدۇ، لېكىن ئامانلىققا ئېرىشەلمەيدۇ.
ماروت ئاھالىسى ئەنسىرەپ، مەدەت كۈتىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئاپىتى يېرۇسالېمنىڭ دەرۋازىسىغا كېلىپ قالدى.
كىشىلەر «دۇنيا تىنچ-ئامان» دەپ تۇرغاندا، تاسادىپىي ئۇلارغا ھالاكەت كېلىدۇ. بۇ خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقى ئۇشتۇمتۇت تۇتقىنىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.