Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 7:32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

32 شۇڭا ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇ يەر ئۇزۇنغا قالماي توفەت ياكى بەنھىننوم جىلغىسى دەپ ئاتالمايدۇ، بەلكى ‹قىرغىنچىلىق جىلغىسى› دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ يەردە جەسەتلەرنى كۆمگۈدەك يەرمۇ قالمايدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 7:32
10 Iomraidhean Croise  

ئۇ يەنە كىشىلەرنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئىلاھ مولەككە ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈرمەسلىكى ئۈچۈن بەنھىننوم جىلغىسىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنى ۋەيران قىلدى.


ئاندىن ئۇلارغا مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى يەتكۈزگىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئىدىشنى چاققاندەك، بۇ خەلق ۋە بۇ شەھەرنى چاقىمەن. چېقىلغان ئىدىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. جەسەتلەر تاكى توفەتتە يەر قالمىغۇچە كۆمۈلىدۇ.


يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەر ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئۆيلىرى توفەتكە ئوخشاش جەسەتلەر بىلەن بۇلغىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدە يۇلتۇزلارغا ئاتاپ كۈجە كۆيدۈردى ۋە بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇندى.›»


«ساپال پارچىلىرى دەرۋازىسى»دىن چىقىپ، بەنھىننوم جىلغىسىغا بارغىن. شۇ يەردە ساڭا ئېيتقان سۆزلىرىمنى جاكارلايسەن:


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، كىشىلەرنىڭ بۇ جاينى ئەمدى توفەت ياكى بەنھىننوم جىلغىسى دەپ ئاتىمايدىغان ۋاقىت كېلەي دەپ قالدى. ئەمدى ئۇلار بۇ جىلغىنى قىرغىنچىلىق جىلغىسى دەپ ئاتايدۇ!


بارلىق جايلار، ھەتتا جەسەتلەر بىلەن كۈللەر دۆۋىلەنگەن جەنۇبتىكى پۈتۈن جىلغا، شەرقتىكى، يەنى ئۇنىڭ يېنىدىكى قىدرون جىلغىسىغا تۇتىشىدىغان ئېتىزلار ۋە ئۇنىڭغا تۇتىشىدىغان ‹ئات دەرۋازىسى›غىچە بولغان بارلىق جايلار ماڭا بېغىشلانغان بولىدۇ. يېرۇسالېم شەھىرى مەڭگۈ ۋەيران بولمايدۇ ھەم يوقالمايدۇ.»


ئۇلار بەنھىننوم جىلغىسىنىڭ توفەت دېگەن يېرىگە سەجدىگاھلارنى سېلىپ، ئۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈردى! مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق قۇربانلىق قىلىشىنى ئەمر قىلمىغانىدىم. ھەتتا ئۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.


قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزۇۋېتىمەن، ئىسرىقدانلارنى چېقىۋېتىمەن! مەن سىلەردە ياشايدىغان خەلقنى بۇتلىرى ئالدىدا ھالاك قىلىمەن.


مەن سىلەرنىڭ غەيرىي سەجدىگاھلىرىڭلارنى، ئىسرىقدانلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىپ، جەسىتىڭلارنى جانسىز بۇتلارنىڭ ئۈستىگە دۆۋىلەپ قويىمەن. مەن سىلەردىن سەسكىنىمەن.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan