Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 7:30 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

30 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خەلق كۆز ئالدىمدا رەزىل ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار يىرگىنچلىك بۇتلىرىنى نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇ يەرنى بۇلغىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 7:30
20 Iomraidhean Croise  

ئۇ ئاتىسى خىزكىيا بۇزۇۋەتكەن غەيرىي سەجدىگاھلارنى قايتىدىن ياساتتى. ئۇ يەنە ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابقا ئوخشاش ئىلاھ بائالغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ياساتتى ھەمدە ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى.


گەرچە پەرۋەردىگار: «يېرۇسالېم خەلق ماڭا ئىبادەت قىلىدىغان جاي بولسۇن» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا باشقا ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرى ياساتتى.


ئۇ يەنە ئۆزى ياغاچتىن ياساتقان ئىلاھە ئاشېرانىڭ بۇتىنى ئىبادەتخانىغا قويدى. پەرۋەردىگار بۇ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا: «مەن ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە تەۋە شەھەرلەر ئىچىدىن تاللىۋالغان يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتخانا خەلق ماڭا ئىبادەت قىلىدىغان جاي بولسۇن.


يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ئاخاز پادىشاھنىڭ خاس سارىيىنىڭ ئۆگزىسىگە سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ۋە ماناسسەنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى ۋە تاشقىرىكى ھويلىلىرىغا سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزدۇرۇپ، كۇكۇم-تالقان قىلىپ، ئاندىن قىدرون جىلغىسىغا تۆكتۈرۈۋەتتى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ۋە ئۆزى ياساتقان بۇتنى ئېلىپ تاشلىدى. ئۇ يەنە ئىبادەتخانا تېغىدا ۋە يېرۇسالېمدا ياساتقان بارلىق غەيرىي قۇربانلىق سۇپىلىرىنى چاقتۇرۇپ، شەھەر سىرتىغا تاشلاتتى.


ئۇ ئاتىسى خىزكىيا ۋەيران قىلغان غەيرىي سەجدىگاھلارنى قايتىدىن ياساتتى، يەنە ئىلاھ بائالغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ياساتتى ھەمدە ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى.


ئۇ يەنە ئۆزى ياغاچتىن ياساتقان بۇتنى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا قويدى. خۇدا بۇ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا: «مەن ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە تەۋە شەھەرلەر ئىچىدىن تاللىۋالغان يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتخانا خەلق ماڭا ئىبادەت قىلىدىغان جاي بولسۇن.


شۇڭا مەن چوقۇم ئۇلارغا جاپا سېلىشنى تاللايمەن، ئۇلار قورقىدىغان ئىشلارنى ئۇلارغا يولۇقتۇرىمەن. چۈنكى چاقىرسام ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى، سۆزلىرىمنى ئاڭلىمىدى، ئەكسىچە نەزىرىمدە رەزىل بولغان ئىشلارنى قىلدى، مېنى خۇرسەن قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلىشنى تاللىدى.»


مەن ئۇلارنى ئۆز رەزىللىكلىرى ۋە گۇناھلىرى ئۈچۈن بىر ھەسسە ئارتۇق جازالايمەن. چۈنكى ئۇلار ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان جانسىز بۇتلىرى بىلەن مېنىڭ زېمىنىمنى بۇلغىدى. ئۇلار ماڭا تەئەللۇق بولغان بۇ زېمىننى ئۆزلىرىنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرى بىلەن تولدۇردى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى پەيغەمبەر ۋە روھانىيلار ئىمانسىزدۇر. مەن ئۇلارنىڭ ھەتتا مېنىڭ ئىبادەتخانامدا رەزىللىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.


ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرىنى نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانامغا ئېلىپ كىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇ يەرنى بۇلغىدى.


ئۇلار ئىلاھ بائالغا ئاتاپ بەنھىننوم جىلغىسىدا سەجدىگاھلارنى سالدى. بۇ جايلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى بۇت ئىلاھ مولەككە قۇربانلىق قىلدى. مەن ئۇلارغا بۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىشنى ئەمر قىلمىغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان! مەن ئۇلارنى ھەرگىزمۇ گۇناھ قىلىشقا ئازدۇرمايمەن.


ئۇلار گۈزەل بېزەك بۇيۇملىرىدىن مەغرۇرلىنىپ، ئۇلاردىن يىرگىنچلىك بۇتلارنى ياساشقانىدى. شۇڭا مەن بۇ نەرسىلەرنى ئۇلار ئۈچۈن ناپاك نەرسىگە ئايلاندۇرىمەن.


ئۇ چېچىمدىن تۇتتى. چېچىمدىن تۇتقىنى ئادەمنىڭ قولىغا ئوخشايتتى. ئاندىن روھ مېنى غايىبانە ئالامەتنىڭ ئىچىدە كۆتۈرۈپ، يەر بىلەن ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ ماڭدى ۋە مېنى يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى ھويلىسىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىغا ئېلىپ باردى. ئۇ يەردە بىر بۇت بولۇپ، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قەھر-غەزىپىنى قوزغايتتى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى قىزغىناتتى.


شىمالدىكى پادىشاھنىڭ قوشۇنلىرى مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇ يەرنى بۇلغايدۇ. كۈندىلىك قۇربانلىقلارنى توختىتىپ، «ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك نەرسە»نى مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا قويىدۇ.


ئۇ ھۆكۈمران كۆپ خەلقلەر بىلەن يەتتە مەزگىللىك كېلىشىم تۈزىدۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ قۇربانلىقلار ۋە ھەدىيەلەرنى توختىتىدۇ. ئۇ ئىبادەتخانىغا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك بىر نەرسە ئورنىتىدۇ. پەرۋەردىگاردىن ئۇ ھۆكۈمرانغا بېكىتىلگەن ئاخىرقى كۈن كەلگۈچە، بۇ نەرسە شۇ يەردە تۇرىدۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan