يەرەمىيا 7:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى24 لېكىن ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلمىدى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى. ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ رەزىل كۆڭۈللىرىدىكى جاھىل ئىستەكلىرىگە ئەگەشتى. ئۇلار ئالدىغا ماڭماي ئارقىغا چېكىنىپ كەتتى. Faic an caibideil |
مەن سىلەرگە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتتىم. ئۇلار سىلەرگە: ‹يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، توغرا ئىش قىلىڭلار. باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇنماڭلار. شۇندىلا سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن بۇ زېمىندا ياشىيالايسىلەر.› دېدى. لېكىن سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار.
پەرۋەردىگار خەلققە مۇنداق دېدى: «سىلەر تۆت كوچىدا تۇرۇۋاتىسىلەر، شۇڭا يولۇڭلارنى كۆزىتىڭلار. كونا، ئىشەنچلىك يولنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سوراڭلار. قايسى يولنىڭ بەخت-سائادەتكە باشلايدىغانلىقىنى سوراپ، شۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، قەلبىڭلار ئارام تاپىدىغان جاينى تاپالايسىلەر. بىراق خەلقىم: ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭمايمىز!› دېدى.