Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 7:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر كۆيدۈرمە ۋە باشقا قۇربانلىقىڭلارنى ماڭا ئاتىماڭلار، ئېلىپ كېتىپ، ئۆزۈڭلار يەڭلار!

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 7:21
9 Iomraidhean Croise  

قۇربانلىقىڭ ئۈچۈن ئەيىبلىمەيمەن سېنى، ئەيىبلىمەيمەن دائىم ئاتىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى.


سىلەر ماڭا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا قويلارنى ئەكەلمىدىڭلار، ھەم باشقا قۇربانلىقلارنى قىلىپ، مېنىڭ ھۆرمىتىمنى قىلمىدىڭلار. مەن ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى قىلىڭلار دەپ، سىلەرگە ئېغىر يۈك سالمىدىمغۇ؟ ماڭا ئىسرىق سېلىشنى تەلەپ قىلىپ، سىلەرنى چارچىتىۋەتمىدىمغۇ؟


ئۇلار روزا تۇتقان تەقدىردىمۇ، ئىلتىجالىرىنى ئاڭلىمايمەن. ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن. ئەكسىچە مەن ئۇلارنى ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە ھەر خىل كېسەللىكلەر بىلەن ۋەيران قىلىمەن.


ئۇلار ماڭا شىبادىن كەلتۈرۈلگەن مەستىكى رۇمى ياكى يىراق جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن پۇراقلىق ئېگىر كۆيدۈرسىمۇ، كارىم يوق! مەن ئۇلارنىڭ ماڭا سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن. مەن ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتىغان قۇربانلىقلىرىدىن خۇشال بولمايمەن.


لېكىن سەن ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سىلەر قېنى بار گۆش يەيسىلەر، بۇتقا چوقۇنىسىلەر، ئادەم ئۆلتۈرىسىلەر، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا نېمە ھەققىڭلار بار؟


ئۇلار ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، گۆشلىرىنى ئۆزلىرى يېيىشتى. لېكىن مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بۇ قۇربانلىقلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن. مەن ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى ئېسىمدە تۇتۇپ، ئۇلارنى جازالايمەن. مەن چوقۇم ئۇلارنى مىسىرغا قايتۇرۇۋېتىمەن.


ئۇلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار. ھەتتا گۆش ۋە قانلىرىنىمۇ سۇنۇڭلار. قۇربانلىقلارنىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈڭلار، لېكىن قۇربانلىقلارنىڭ گۆشىنى يېسەڭلار بولىدۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan