Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 7:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 بالىلار ئوتۇن يىغىۋاتىدۇ، ئاتىلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئوتلارنى يېقىۋاتىدۇ. ئاياللار «جەننەت خانىشى» دەپ ئاتالغان ئايال ئىلاھقا ئاتاپ پېچىنە-پىرەنىكلەر پىشۇرۇش ئۈچۈن خېمىر يۇغۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە باشقا ئىلاھلارغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنۇۋاتىدۇ. ئۇلار ھەممە ئىشلارنى مېنى غەزەپلەندۈرۈش ئۈچۈن قىلدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 7:18
28 Iomraidhean Croise  

لېكىن سەن يامان ئىشلارنى قىلىشتا سەندىن ئىلگىرىكى ھۆكۈمرانلاردىنمۇ ئېشىپ كەتتىڭ، ئۆزۈڭگە بۇتلارنى قۇيدۇرۇپ، مەندىن يۈز ئۆرۈپ، غەزىپىمنى كەلتۈردۈڭ.


«ئەي باشا، مەن سېنى چاڭ-توزانلار ئىچىدىن تارتىپ چىقىرىپ، ئىسرائىلىيەدىكى خەلقىمگە باش قىلغان بولساممۇ، لېكىن سەن نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ يولىدا مېڭىپ، خەلقىم ئىسرائىللارنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىدىڭ. خەلقىمنىڭ گۇناھلىرى مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغىدى.


كىمكى چوقۇنماق بولسا غەيرىي ئىلاھلارغا، ئاشار ئۇنىڭ دەردلىرى قەۋەتلا. قۇربانلىق قىلماسمەن ئاتاپ ئۇلارغا، ئالماسمەن ناملىرىنى ھەتتا تىلىمغا.


يېرۇسالېم ئاغدۇرۇلۇپ چۈشىدۇ، يەھۇدىيە گۇمران بولىدۇ! چۈنكى ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى پەرۋەردىگارنىڭ زىتىغا تەگدى، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىگە قارشى چىقتى.


سىلەر جىلغىدىكى سىلىق تاشلارنى بۇت بىلىپ تېۋىنىسىلەر، ئۇلار سىلەرنىڭ ئىنتىلگەن نېسىۋەڭلاردۇر. سىلەر ئۇلارغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى قۇيىسىلەر، ئۇلارغا ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلىسىلەر. خوش، بۇ ئىشلار مېنى رازى قىلارمۇ؟


لېكىن، مەن پەرۋەردىگارنى تاشلىغانلار، مۇقەددەس تېغىمنى ئۇنتۇغانلار، ‹تەلەي› ئىلاھى ئۈچۈن داستىخان سالغانلار، ‹تەقدىر› ئىلاھى ئۈچۈن ھاراق تولدۇرغانلار،


ئۇلار ھەر ۋاقىت مېنى غەزەپلەندۈرىدۇ، ئۇلار باغلىرىدا بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىپ، كېسەكتىن ياسالغان قۇربانلىق سۇپىلاردا كۈجە كۆيدۈرىدۇ،


مۇشۇ ئارقىلىق مەن خەلقىمگە قارشى ھۆكۈمۈمنى ئىجرا قىلىمەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ نىيەتلىرى يامان. ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈدى ۋە بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، ئۆزلىرى ياسىۋالغان بۇتلىرىغا چوقۇندى.


مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزۈم ئۆستۈرگەن بۇ زەيتۇن دەرىخىنى ۋەيران قىلىشقا ئىرادە قىلدىم. چۈنكى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى بائالنىڭ بۇتلىرىغا قۇربانلىق قىلىشتەك رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى قوزغىدى.


ھەتتا بالىلىرىڭلارمۇ دۆڭلەر ئۈستىدىكى بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخلەرنىڭ ئاستىغا جايلاشقان ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىغا ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرىغا بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ.


يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەر ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئۆيلىرى توفەتكە ئوخشاش جەسەتلەر بىلەن بۇلغىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدە يۇلتۇزلارغا ئاتاپ كۈجە كۆيدۈردى ۋە بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇندى.›»


لېكىن ھازىر پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر سۆزۈمنى ئاڭلاشنى رەت قىلدىڭلار. ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىۋالغان بۇتلار ئارقىلىق غەزىپىمنى قوزغىدىڭلار. شۇ سەۋەبتىن ئۆز بېشىڭلارغا ئۆزۈڭلار بالا-قازا ئېلىپ كەلدىڭلار.


بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بابىللىقلار شەھەرگە بۆسۈپ كىرىپ، ئوت قويۇپ كۆيدۈرىدۇ. ئۇلار ئۆگزىلىرىدە بائالغا ئاتاپ ئىسرىق كۆيدۈرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەسى سۇنۇپ، غەزىپىمنى كەلتۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرىدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئاياللىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە قىلغان قەسىمىڭلاردا چىڭ تۇرۇۋالدىڭلار. سىلەر: ‹قىلغان قەسىمىمىز بويىچە ئىش قىلىمىز، جەننەت خانىشىغا چوقۇم قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى تۆكىمىز› دېدىڭلار. بولىدۇ، داۋاملاشتۇرۇۋېرىڭلار. قەسىمىڭلاردا تۇرۇپ، شۇ بويىچە ئىش قىلىۋېرىڭلار.»


مەن خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتىپ، خەلقىمگە مەن نەپرەتلىنىدىغان بۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلماسلىقنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقانىدىم.


سەن ئۇلارنىڭ يەھۇدىيە شەھەرلىرىدە ۋە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟


قۇل بولۇپ يارغۇنچاقتا ئۇن تارتار ياش يىگىتلىرىمىز، ئوتۇن يۈدۈپ دەلدەڭشىپ يۈرۈشەر ئوغۇل بالىلىرىمىز.


ھەتتا ئىشقىۋاز قوشنىمىز مىسىرلىقلار بىلەنمۇ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، غەزىپىمنى قوزغىدىڭ.


مەن ئۇلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئۇلارنى باشلاپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇلار ھەربىر ئېگىزلىكنى، ھەربىر بۈك-باراقسان دەرەخنى كۆرگەن ھامان، ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، بۇتلارنى قويۇپ، خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەرنى كۆيدۈرۈپ، شاراب سۇنۇپ، غەزىپىمنى قوزغىدى.


ئاندىن ئۇ مېنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىغا باشلاپ كىردى. ئىبادەتخانا ئالدىدا، يەنى تاشقىرىقى خانا بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىدا تەخمىنەن 25 ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كەينىنى قىلىپ، كۈنچىقىش تەرەپكە يۈزلىنىپ، قۇياشقا سەجدە قىلىۋاتاتتى.


ئۇ يەنە ماڭا: _ ئەي ئادەم بالىسى، كۆردۈڭمۇ؟ يەھۇدىيە خەلقىنىڭ بۇ يىرگىنچلىك ئىشلىرى كىچىك ئىشمۇ؟ ئۇلار پۈتۈن زېمىندا زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىپ، غەزىپىمنى تېخىمۇ قوزغىدى. ئۇلار مېنى مەنسىتمەي، قوللىرىدا شاخ تۇتۇپ، بۇتقا چوقۇندى.


بۇنداق قىلساق، رەببىمىزنىڭ غەزىپىنى قوزغايمىز. ئۇنىڭ جازالىشىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشقا كۈچىمىز يېتەمدۇ؟!


يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇپ، ئۇنى قىزغاندۇردى، يىرگىنچلىك بۇتلارغا سېغىنىپ، ئۇنى غەزەپلەندۈردى.


ئۇلار ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، غەزىپىمنى قوزغىدى، ئەرزىمەس بۇتلار بىلەن ئاچچىقىمنى كەلتۈردى. ئۆز خەلقىم بولمىغان باشقا خەلق ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغايمەن. ئۇلار ئەقىلسىز دەپ قارايدىغان خەلق ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ غەزىپىنى قوزغايمەن.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئالەمدىكى ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان قۇياش، ئاي، يۇلتۇز قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرىنى كۆرگەن ۋاقتىڭلاردا، ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ، چوقۇنماڭلار.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan