يەرەمىيا 7:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى11 مېنىڭ نامىمغا ئاتالغان بۇ ئىبادەتخانا بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىمۇ؟ سىلەرگە ئېيتايكى، مەن سىلەرنىڭ قىلغان ھەرقانداق رەزىل ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن. Faic an caibideil |
ئۇلار مېنىڭ خەلقىم ئارىسىدا نومۇسسىز ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، يۇقىرىدىكى قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ. ئۇلار قوشنىلىرىنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىناخورلۇق قىلدى ۋە نامىمنى ئاتاپ يالغان سۆزلىدى، يەنى مەن بۇيرۇمىغان سۆزلەرنى سۆزلىدى. مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلىمەن ۋە نېمە قىلغانلىقىغا گۇۋاھمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»