Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 6:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئۇلار: «يېرۇسالېمغا قارشى جەڭ قىلىشقا تەييارلىق قىلىڭلار! كېلىڭلار! چىڭقى چۈشتە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلايلى!» دەيدۇ. لېكىن بىردەمدىن كېيىن ئۇلار يەنە: «بەك ئەپسۇس، قۇياش پېتىپ قاراڭغۇ چۈشۈۋاتىدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 6:4
14 Iomraidhean Croise  

ئۇ سايىگە تەشنا بولغان قۇلغا، ھەققىنى كۈتۈپ تۇرغان مەدىكارغا ئوخشايدۇ.


ئېھ ئاشىقىم، كېتىۋالغىن تۈن كېتىپ، تاڭ ئاتقۇچە. خۇددى جەرەن، كېيىكتەك تېزلىك بىلەن سەكرەپ ئېگىز تاغلاردىن ئۆتۈۋالغىن.


تۇل ئاياللار دېڭىز بويىدىكى قۇملاردىنمۇ كۆپ بولىدۇ. مەن چىڭقى چۈشتە ھالاك قىلغۇچىنى ئەۋەتىپ، ياشلارنى ھالاك قىلىمەن، ئۇلارنىڭ ئانىلىرىغا تۇيۇقسىز دەرد-ئەلەم ۋە قورقۇنچ سالىمەن.


يەتتە بالىسى بار ئانا ھالسىزلىنىدۇ. ئۇنىڭ كۈنلىرى زۇلمەتكە ئايلىنىدۇ، ئۇلار خورلىنىپ، شەرمەندە بولىدۇ. ھايات قالغانلارنى دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قىلىچىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. مانا بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


مەن سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارغا شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى: ‹سىلەر مېنىڭ ئۈزۈمزارلىقىمغا كىرىپ، ئۇنى ۋەيران قىلىڭلار، لېكىن پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمەڭلار. ئۈزۈمزارلىق ماڭا مەنسۇپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تەكلەرنى كېسىۋېتىڭلار.


ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئوقيا ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللانغان. ئۇلار ناھايىتى ۋەھشىي بولۇپ، ئۇلاردا مېھىر-شەپقەت يوقتۇر. ئۇلار ئۇچقۇر ئاتلارغا مىنىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەندە، خۇددى دېڭىزنىڭ شاۋقۇنلىرىدەك ئاۋاز چىقىرىدۇ. ئەي سىئون، ئۇلار سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن سەپ تۈزمەكتە.»


كىشىلەر نالە قىلىپ: «ياز ئۆتۈپ، ھوسۇل ئالىدىغان ۋاقىتمۇ ئاياغلاشتى. بىراق بىز تېخى قۇتقۇزۇلمىدۇق» دېيىشىدۇ.


سىلەر باشقا ئەللەرگە مۇنداق دەپ جاكارلاڭلار: ‹ئۇرۇشقا ھازىرلىنىڭلار! لەشكەرلىرىڭلارنى، پۈتۈن باتۇرلىرىڭلارنى يىغىپ، ئۇرۇشقا ئاتلىنىڭلار.


بۇ مەن ئوبادىياغا كەلگەن ۋەھىي بولۇپ، ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئىدوم خەلقى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىدۇر. بىز پەرۋەردىگاردىن بىر خەۋەر ئالدۇق، ئەللەرگە بىر ئەلچى ئەۋەتىلىپتۇ. ئەلچى: «ئىدومغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىنىڭلار!» دەيدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي خەلقىمنى ئازدۇرغان ساختا پەيغەمبەرلەر، سىلەر پەقەت قارنىڭلارنى تويدۇرغانلار ئۈچۈن ئامانلىق تىلەيسىلەر، قارنىڭلارنى تويدۇرمىغانلارغا ھۇجۇم قىلىسىلەر.


گازا شەھىرىدە ھېچكىم قالمايدۇ، ئاشقىلون قاقاسلىشىپ كېتىدۇ. ئاشدودلۇقلار چۈشكىچە قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. ئەقرون ئاھالىلىرىمۇ شەھەردىن يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ تاشلىنىدۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan