Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 6:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئوقيا ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللانغان. ئۇلار ناھايىتى ۋەھشىي بولۇپ، ئۇلاردا مېھىر-شەپقەت يوقتۇر. ئۇلار ئۇچقۇر ئاتلارغا مىنىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەندە، خۇددى دېڭىزنىڭ شاۋقۇنلىرىدەك ئاۋاز چىقىرىدۇ. ئەي سىئون، ئۇلار سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن سەپ تۈزمەكتە.»

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 6:23
21 Iomraidhean Croise  

بۈگۈن ئاسسۇرلار نوب شەھىرىدە توختايدۇ، ئۇلار يېرۇسالېمدىكى، يەنى سىئون تېغىدىكى خەلققە مۇشت كۆتۈرىدۇ.


ئۇلار ئوقيالىرى بىلەن يىگىتلەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئۇلار بوۋاقلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ، بالىلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمايدۇ.»


ئاڭلاڭلار! نۇرغۇن ئەللەرنىڭ قوشۇنلىرى دېڭىز شاۋقۇنىدەك نەرە تارتىۋاتىدۇ. قۇدرەتلىك قوشۇنلارنىڭ دېڭىز شاۋقۇنىدەك سۈرەن سېلىپ كېلىۋاتقىنىغا قۇلاق سېلىڭلار!


مەن مىسىرنى بىر زالىم ھۆكۈمرانغا تۇتۇپ بېرىمەن. بىر قۇدرەتلىك پادىشاھ ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.» مانا بۇ، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭلار، بالايىئاپەت ئەلدىن ئەلگە يامراۋاتىدۇ. كۈچلۈك بوران زېمىننىڭ ئۇ چېتىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ.»


مەن شىمالدىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋە ‹خىزمەتكارىم› بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چاقىرىپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنى يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق قوشنا ئەللەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلاندۇرىمەن. مەن بۇ خەلقنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. مەن ئۇلارنى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى مەسخىرە نىشانى قىلىمەن.


بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىڭلار سىلەرنى تاشلىۋەتتى، ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن كارى يوق. مەن سىلەرگە دۈشمىنىڭلاردەك ھۇجۇم قىلىپ، قاتتىق جازالىدىم، چۈنكى قىلمىشلىرىڭلار ئېغىر، گۇناھلىرىڭلار كۆپتۇر.


قاراڭلار، دۈشمەن قارا بۇلۇتلاردەك كېلىدۇ. ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى قۇيۇندەك كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئاتلىرى بۈركۈتلەردىن تېز چاپىدۇ. ھالىمىزغا ۋاي! بىز ۋەيران بولىمىز!


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەتراپتىكى ئەللەرنى بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغىن. بۇنى يېرۇسالېمغا جاكارلىغىن. يىراق ئەلدىن دۈشمەن قوشۇنلىرى كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار يەھۇدىيە شەھەرلىرىگە قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن سۈرەن سېلىپ كېلىۋاتىدۇ.


شەھەردىكى بارلىق كىشىلەر ئاتلىقلار ۋە ئوقياچىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا، قورقۇپ قېچىپ كېتىدۇ. ئۇلار ئورمانلىقلارغا قاچىدۇ، قورام تاشلارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. پۈتۈن شەھەرلەر تاشلاندۇق يەرگە ئايلىنىدۇ، ھېچكىم ئۇ يەرلەردە ياشىمايدۇ.


ئۇلارنىڭ جەڭچىلىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى كۈچلۈكتۇر. ئوقيالىرى ئۆلۈم ئەلچىلىرىدۇر.


قاراڭلار! شىمالدىن بىر كۈچلۈك قوشۇن كېلىۋاتىدۇ! ئەڭ يىراق زېمىندىكى بىر چوڭ ئەل كۆپ پادىشاھلار بىلەن بىرلىكتە سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.


ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئوقيا ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللانغاندۇر. ئۇلار ناھايىتى ۋەھشىي بولۇپ، ئۇلاردا مېھىر- شەپقەت يوقتۇر. ئۇلار ئۇچقۇر ئاتلارغا مىنىپ يۈرۈش قىلغاندا، خۇددى دېڭىزنىڭ شاۋقۇنلىرىدەك ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. ئۇلار سەپ تۈزۈشۈپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ، ئەي بابىل شەھىرى.


ئۇلار: «يېرۇسالېمغا قارشى جەڭ قىلىشقا تەييارلىق قىلىڭلار! كېلىڭلار! چىڭقى چۈشتە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلايلى!» دەيدۇ. لېكىن بىردەمدىن كېيىن ئۇلار يەنە: «بەك ئەپسۇس، قۇياش پېتىپ قاراڭغۇ چۈشۈۋاتىدۇ.


دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ كىشنەشلىرى ئاللىقاچان دان شەھىرىگە ئاڭلاندى. ئايغىرلىرىنىڭ كىشنىگەن ئاۋازلىرى پۈتۈن زېمىندىكىلەرنى قورقۇتۇپ تىترەتتى. ئۇلار بۇ زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى گۇمران قىلىشقا كېلىدۇ! ئۇلار بۇ شەھەرنى ۋە بۇ شەھەردە ياشاۋاتقانلارنى ۋەيران قىلماقچى!»


ساڭا غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن، قەھرىمنى چاچىمەن. مەن سېنى قانخورلارغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن، ئۇلارنىڭ ماھىرلىرى سېنى ئۆلتۈرىدۇ.


پەرۋەردىگار بىر ئەلنى ناھايىتى يىراقتىن ئاتلاندۇرىدۇ. ئۇلار خۇددى بۈركۈتتەك شۇڭغۇپ كېلىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. سىلەر ئۇلارنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيسىلەر.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan