يەرەمىيا 6:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى21 شۇڭا، مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: مەن چوقۇم بۇ كىشىلەرنىڭ يولىغا پۇتلىشىدىغان توسالغۇ قويىمەن. ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار ئۇلارغا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشىدۇ. دوست-بۇرادەرلەر ۋە قولۇم-قوشنىلارمۇ ۋەيران بولىدۇ.» Faic an caibideil |
ئاندىن مەن ئۇلارنى شاراب ئىدىشلىرى بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ چېقىلغاندەك، بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇشقا سالىمەن، ئاتا-ئانا ۋە بالىلارنىمۇ شۇنداق قىلىمەن. ئۇلارغا ھېچقانداق ھېسداشلىق، ئىچ ئاغرىتىش ۋە شەپقەت كۆرسەتمەيمەن. ھېچقانداق نەرسە مېنىڭ ئۇلارنى ۋەيران قىلىشىمنى توسۇپ قالالمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇنىڭدىن كېيىن مەن، پادىشاھ زىدقىيا، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە بۇ شەھەردە كېسەل، ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتىن ئامان قالغانلارنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ۋە سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئۇلارنى قىرغىن قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ھېچقانداق ئىچ ئاغرىتىش، ھېسداشلىق ياكى شەپقەت قىلمايدۇ.›»