Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 6:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 ئۇلار ماڭا شىبادىن كەلتۈرۈلگەن مەستىكى رۇمى ياكى يىراق جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن پۇراقلىق ئېگىر كۆيدۈرسىمۇ، كارىم يوق! مەن ئۇلارنىڭ ماڭا سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن. مەن ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتىغان قۇربانلىقلىرىدىن خۇشال بولمايمەن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 6:20
24 Iomraidhean Croise  

ئابسالوم قۇربانلىق سۇنۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى گىلوھلۇق ئاخىتوفەلگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى گىلوھتىن ئېلىپ كەلدى. ئابسالومغا ئەگەشكەنلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن پادىشاھ داۋۇتقا قارشى توپىلاڭ كۆتۈرىدىغانلارنىڭ كۈچىمۇ زورىيىپ باردى.


شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا تۆت توننا ئالتۇن، نۇرغۇنلىغان خۇشبۇي ئەشيالار ۋە گۆھەرلەرنى تەقدىم قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھ سۇلايمانغا شىبانىڭ ئايال پادىشاھى تەقدىم قىلغان خۇشبۇي ئەشيالاردەك ئۇنچىۋالا كۆپ خۇشبۇي ئەشيالارنى ھېچكىم تەقدىم قىلىپ باقمىدى.


ئىستىمەيسەن قۇربانلىق ياكى ھەدىيەلەرنى، ئىستىمەيسەن نە كۆيدۈرمە، نە گۇناھ قۇربانلىقىنى. ئاڭلىسۇن دەپ بۇنى ئاچتىڭ قۇلاقلىرىمنى.


شۇنداق دەڭلار ئەي خالايىق خۇداغا‏: «نەقەدەر ھەيۋەتلىك-ھە قۇدرىتىڭ! كۆرسىتىلگەندە كارامىتىڭ ئى خۇدا، دۈشمەنلىرىڭ تۈگۈلۈپ قالار ئالدىڭدا.


_ ئىسرائىللار مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ئەڭ ئېسىل خۇشبۇي ئەشيالاردىن، يەنى مۇرمەككى سۇيۇقلۇقىدىن 6 كىلو، قوۋزاقدارچىندىن 3 كىلو، پۇراقلىق ئېگىردىن 3 كىلو،


پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر يامانلارنىڭ قۇربانلىقى، ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر ئادىللارنىڭ دۇئاسى.


يامانلارنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر، يامان غەرەزدە قىلىنغان بولسا تېخىمۇ شۇنداقتۇر.


پەرۋەردىگار دەيدۇكى: «نۇرغۇنلىغان قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ماڭا نېمە كېرىكى بار؟ قوچقارلار ۋە سەمرىتىلگەن كالىلارنىڭ ياغلىرىدىن قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن تويۇپ كەتتىم. مەن بۇقىنىڭ، پاقلاننىڭ ۋە ياكى ئۆچكىنىڭ قانلىرىدىن خۇرسەن ئەمەسمەن.


يوللىرىڭغا تۆگە كاراۋانلىرى بېسىپ كېلىدۇ، مىديان ۋە ئېفاھنىڭ ياش تۆگىلىرى زېمىنىڭغا تولۇپ كېتىدۇ، شىبانىڭ ئادەملىرىمۇ كېلىدۇ، ئۇلار ئالتۇن ۋە خۇشبۇي بۇيۇملارنى تارتۇق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگارغا مەدھىيەلەرنى ئوقۇيدۇ.


لېكىن بەزىلەر مەن ئۈچۈن كالا بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىپ، يەنە ھەم بۇتلارغا ئاتاپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇربانلىق قىلىدۇ، ماڭا قوي قۇربانلىق قىلىپ، يەنە ھەم بۇتلارغا ئىتنىڭ بوينىنى ئۈزۈپ سۇنىدۇ، ماڭا ئاشلىق ھەدىيەسىنى سۇنۇپ، يەنە ھەم بۇتلارغا چوشقا قېنىنى سۇنىدۇ، ماڭا ئىسرىق سېلىپ، يەنە ھەم ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى مەدھىيەلەيدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ يوللىرىنى ئۆزلىرى تاللاپ، قەلبىدىكى يىرگىنىشلىك ئىشلىرىدىنمۇ خۇرسەن بولىدۇ.


پەرۋەردىگار بۇ خەلق توغرىسىدا ماڭا مۇنداق دېدى: «ئۇلار مەندىن يىراقلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى باشقۇرالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇلارنى ئەمدى ئۆز خەلقىم دەپ قوبۇل قىلمايمەن. ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ، گۇناھلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى جازالايمەن.»


ئۇلار روزا تۇتقان تەقدىردىمۇ، ئىلتىجالىرىنى ئاڭلىمايمەن. ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن. ئەكسىچە مەن ئۇلارنى ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە ھەر خىل كېسەللىكلەر بىلەن ۋەيران قىلىمەن.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئەگەر سۆزۈمگە قۇلاق سېلىشنى خالىمىساڭلار، يوقىلىڭلار، بۇتلىرىڭلارغا چوقۇنۇۋېرىڭلار! لېكىن سىلەرنىڭ ئەمدى بۇتلىرىڭلارغا قىلغان قۇربانلىق ھەدىيەلىرىڭلار ئارقىلىق مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى يەنە بۇلغىشىڭلارغا يول قويمايمەن.


شىبا ۋە راماھنىڭ سودىگەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ سۈپەتلىك خۇش پۇراقلىق دورا-دەرمەكلىرى، قىممەتلىك تاش ۋە ئالتۇنلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە سودا قىلاتتى.


ئۇلار ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، گۆشلىرىنى ئۆزلىرى يېيىشتى. لېكىن مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بۇ قۇربانلىقلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن. مەن ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى ئېسىمدە تۇتۇپ، ئۇلارنى جازالايمەن. مەن چوقۇم ئۇلارنى مىسىرغا قايتۇرۇۋېتىمەن.


سىلەر ئەمدى پەرۋەردىگارغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنالمايسىلەر. سۇنغان قۇربانلىقلىرىڭلاردىنمۇ پەرۋەردىگار خۇرسەن بولمايدۇ. قۇربانلىقلىرىڭلارنى كىم يېسە، شۇ مۇسىبەت بولغان ئائىلىنىڭ تامىقىنى يېگەنگە ئوخشاش ناپاك بولىدۇ. سىلەرنىڭ قۇربانلىقىڭلار بىلەن پەقەت ئاچلىقنى بېسىشقىلا بولىدۇ، لېكىن ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاراڭلاردىن بىرىڭلار ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى تاقىۋېتسەڭلار بولاتتى. شۇنداق قىلساڭلار، مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامدا ئوت يېقىپ، ئەرزىمەس قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ ئولتۇرمايتتىڭلار. مەن سىلەردىن رازى ئەمەسمەن. ئەمدى مەن سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن قۇربانلىق قوبۇل قىلمايمەن.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan