2 سىئون ناھايىتى چىرايلىق ۋە لاتاپەتلىك بىر قىز ئىدى، بىراق مەن ئۇنى ۋەيران قىلىمەن.
غېرىبانە سىئون يالغۇز قالدى، ئۇ ئۈزۈمزارلىقتىكى يېگانە چەللىگە، قوغۇنلۇقتىكى ئەسكى كەپىگە ۋە مۇھاسىرىگە ئېلىنغان شەھەرگە ئوخشاش يالغۇز قالدى.
مەن خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان بىر ئايالنىڭ يىغىسىنى، تۇنجى بالىسىنى تۇغۇش ئۈچۈن ئىڭرىغان بىر ئايالنىڭ ئىڭرىشىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم. بۇ، گۈزەل يېرۇسالېمنىڭ نەپىسى بوغۇلۇپ قوللىرىنى كۆككە سوزۇپ، «ھالىمغا ۋاي! مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ!» دەپ يىغلىغان ئاۋازى ئىدى.
ئاھ، ئىگىمىزنىڭ غەزىپى خۇددى قارا بۇلۇتقا ئوخشاش قاپلىدى سىئوننى، ئەرشتىن ئېلىپ، تاشلىدى يەرگە ئىسرائىلىيەنىڭ شەرىپىنى. ئۇ غەزەپلەنگەندە ئۆزىنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئويلاپمۇ قويمىدى.
ئەي يېرۇسالېم، نېمە دەي ساڭا؟ كىمنىڭ دەردى يېتەر ساڭا؟ ئەي سىئون، قانداق تەسەللى بېرەي ساڭا؟ نېمىگە ئوخشىتاي سېنى، ساقايماستۇر جاراھىتىڭ، تاپالايدۇ جاراھىتىڭگە كىممۇ داۋا؟
بىر چاغلاردا ئېسىل يېمەكلىكلەرنى يېگەنلەر، ئەمدى بۈگۈن كوچىلاردا ئاچلىقتىن ئۆلەر. قىممەت باھالىق توق قىزىل لىباس ئارتقانلار، ئەمدى كۈل دۆۋىلىرىنى ماكان قىلار.
دۈشمەننىڭ قورشاۋىدا قالغان شەھەرلەردە ئاچلىقنىڭ دەردىدىن ئاراڭلاردىكى ئەڭ مۇلايىم، ئەڭ نازۇك ھېسابلىنىدىغان، ھەتتا يەرگە ئاۋايلاپ دەسسەيدىغان ئاياللارمۇ ئۆزى تۇغقان بوۋاقلىرى ۋە ھەمراھىنى سۆيۈملۈك ئېرى ۋە بالىلىرىغا بۆلۈپ بەرمەي، ئۆزى يالغۇز يەيدۇ.