17 مەن پەيغەمبەرلەرنى جېسەكچىلەردەك سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشقا تەيىنلەپ، ‹بۇرغا ئاۋازىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا دىققەت قىلىڭلار!› دېدىم. بىراق خەلقىم: ‹بىز ئاڭلىمايمىز› دېدى.
بۇ، دۇماھ توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر. سەئىردىن بىر ئادەم مېنى چاقىرىۋاتىدۇ: «قاراۋۇل، تاڭ ئېتىشقا قانچىلىك قالدى؟ قاراۋۇل، تاڭ ئېتىشقا قانچىلىك قالدى؟»
ئىسرائىللارنىڭ قاراۋۇللىرى قارىغۇدۇر، ھەممىسى بىلىمسىزدۇر. ئۇلار قاۋاشنى بىلمەيدىغان گاچا ئىتلاردۇر، يېتىۋېلىپ چۈش كۆرىدۇ، ئۇلار ئۇيقۇنى ياخشى كۆرىدۇ.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «يۇقىرى ئاۋازدا سۈرەن سال، توختاپ قالما، ئاۋازىڭ ياڭراق بولسۇن، خۇددى بۇرغا چالغاندەك، خەلقىمگە ئۆزىنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىنى كۆرسەت. ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى بايان قىل.
ئەي يېرۇسالېم، مەن سېنىڭ شەھەر سېپىلىڭنىڭ ئۈستىگە قاراۋۇللار قويدۇم. ئۇلار كېچە-كۈندۈز توختىماستىن دۇئا قىلىدۇ. ئەي پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىدىغانلار، ئارام ئالماڭلار،
لېكىن ئۇلار مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ‹سېنىڭ نېمە دېيىشىڭ بىلەن نېمە كارىمىز! بىز نېمە ئىش قىلغۇمىز كەلسە شۇنى قىلىمىز! قىلمىشلىرىمىز ۋە جاھىللىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىۋېرىمىز!›».
پەرۋەردىگار سىلەرگە ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتىپ كەلدى. لېكىن سىلەر كۆڭۈل قويۇپ، ئاڭلىمىدىڭلار.
شۇڭا، ئەي ئەللەر، قۇلاق سېلىڭلار! خەلقىمگە نېمە بولىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈڭلار.
شۇڭا ئۇلارغا: «سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىتائەت قىلمايدىغان، تەنبىھنى قوبۇل قىلمايدىغان بىر خەلقتۇرسىلەر. سىلەرنىڭ ھېچبىرىڭلاردىن ھەقىقەتنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئاغزىڭلاردىن ھەق سۆز چىقمايدۇ.
نېمىشقا بۇ خەلق دائىم يولۇمدىن چەتنەپ كېتىدۇ؟ نېمىشقا يېرۇسالېم خەلقى ھەمىشە مەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟ ئۇلار ئالدىنىشقا رازىكى، يولۇمغا قايتىشنى خالىمايدۇ.
لېكىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى بوينى قاتتىق، جاھىل خەلقتۇر، ئۇلار سېنىڭ سۆزلىرىڭگە قۇلاق سالمايدۇ، ھەتتا مېنىڭ سۆزلىرىمگىمۇ قۇلاق سالمايدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇرغا چالغىن! دۈشمەن مېنىڭ خەلقىمگە خۇددى بۈركۈتتەك ھۇجۇم قىلىدۇ. چۈنكى بۇ خەلق مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزۇپ، قانۇنلىرىمغا خىلاپلىق قىلدى.
مەن كۆزىتىش مۇنارىدا كۆزەتچىلىك، سېپىلدا قاراۋۇللۇق قىلىمەن. قاراپ باققاي، پەرۋەردىگار ماڭا قانداق جاۋاب بېرەركىن. پەرۋەردىگار قىلغان شىكايىتىمگە جاۋاب بەرگەندە، ئۇنىڭغا نېمە دېيىشىمنى ئويلاپ كۆرىمەن.
سىلەر ئەجدادلىرىڭلارنىڭ جاھىللىقىنى دورىماڭلار. بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا مېنىڭ: ‹يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، رەزىل ئىشلاردىن قول ئۈزۈڭلار!› دېگەن سۆزلىرىمنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار سۆزۈمگە قۇلاق سالمىدى ھەم ماڭا ئىتائەت قىلمىدى.
ئەجدادلىرىڭلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشنى خالىمىدى. ئۇلار جاھىللىق قىلدى، مەندىن يۈز ئۆرۈپ، قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالدى.
يېتەكچىلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار. ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار. چۈنكى، ئۇلار ئۆز خىزمىتىدىن خۇداغا ھېساب بەرگەچكە، ھەمىشە سىلەرگە ئاگاھ بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ غەم-ئەندىشە بىلەن ئەمەس، خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ گېپىگە كىرىڭلار.