يەرەمىيا 6:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16 پەرۋەردىگار خەلققە مۇنداق دېدى: «سىلەر تۆت كوچىدا تۇرۇۋاتىسىلەر، شۇڭا يولۇڭلارنى كۆزىتىڭلار. كونا، ئىشەنچلىك يولنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سوراڭلار. قايسى يولنىڭ بەخت-سائادەتكە باشلايدىغانلىقىنى سوراپ، شۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، قەلبىڭلار ئارام تاپىدىغان جاينى تاپالايسىلەر. بىراق خەلقىم: ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭمايمىز!› دېدى. Faic an caibideil |
ئەگەر پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش بولسا، باش روھانىي ئاماريا مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر پادىشاھنىڭ قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش بولسا، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئىسمائىلنىڭ ئوغلى زىباديا مەسئۇل بولىدۇ. لاۋىيلار سىلەرگە كاتىپلىق قىلىدۇ. ئىش قىلغاندا يۈرەكلىك بولۇڭلار. ۋەزىپەڭلارنى ئادىل بېجىرسەڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولىدۇ.