53 مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى دەيمەنكى، گەرچە بابىل ئېگىز ئاسمانغا چىقىۋالسىمۇ ياكى قورغانلىرىنى قانچە مۇستەھكەم قۇرسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا ۋەيران قىلغۇچىلارنى ئەۋەتىمەن.»
ئاندىن ئۇلار: _ كېلىڭلار، بىز بىر شەھەر بىنا قىلايلى! شەھەر مۇنارىنىڭ ئۇچى بۇلۇتقا تاقاشسۇن. بىز شۇ ئارقىلىق نامىمىزنى چىقىرىپ، تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ كېتىشىمىزدىن ساقلىنايلى! _ دېيىشتى.
گەرچە ئۇنىڭ مەغرۇرلۇقى پەلەككە يەتسىمۇ، بېشى بۇلۇتقا تاقاشسىمۇ،
«مەن مىدىيالىقلارنى بابىللارغا قارشى ئاتلاندۇرىمەن. ئۇلار كۈمۈشكە قىزىقمايدۇ، ئالتۇنغا قاراپمۇ قويمايدۇ.
مەن بىر ھۆكۈمراننى شىمالدىن قوزغىتىمەن، ئۇ كۈنچىقىش تەرەپتىن كېلىدۇ. ئۇ نامىمغا دۇئا قىلىدۇ. ئۇ تامچى ياكى كۇلالچى لاينى پېتىقلىغاندەك، ھۆكۈمرانلارنى دەسسەپ يانجىيدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ‹بابىل مەلىكىسى›، ئورنۇڭدا جىم ئولتۇر، ئەمدى سەن زۇلمەتكە يۈزلىنىسەن. سېنى ئەمدى ھېچكىم ‹پادىشاھلىقلارنىڭ خانىشى› دەپ ئاتىمايدۇ.
سەن: ‹مەن ئالەمنىڭ مەڭگۈلۈك خانىشىمەن› دەپ جار سالدىڭ. سەن بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىمىدىڭ، ھەتتاكى خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرمىدىڭ.
سەن باشقا ئادەملەرنى قورقۇتقانىدىڭ، بۇ تەكەببۇرلۇقۇڭ سېنى ئالدىدى. سەن تاغ چوققىسىدىكى تىك قىيادا تۇرۇپ، ئۇۋاڭنى بۈركۈتكە ئوخشاش ئېگىزگە ياسىساڭمۇ، مەن سېنى ئۇ يەردىن تارتىپ چۈشۈرىمەن.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئى بابىلنىڭ دۈشمەنلىرى، مىراتايىم زېمىنىغا ۋە پىقودتا ياشاۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار! ئۇلارنى قوغلاپ يۈرۈپ ئۆلتۈرۈڭلار ۋە ئۇلارنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىپ، مېنىڭ ئەمرىمنى بەجا كەلتۈرۈڭلار!
قورال ئامبىرىمنى ئېچىپ، غەزىپىمنى ياغدۇرىدىغان قوراللارنى ئېلىپ چىقتىم. چۈنكى مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بابىل زېمىنىدا بىر ئىش قىلىشىم كېرەك.
شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن پەرۋەردىگارنىڭ بابىلغا قارشى نېمە قىلماقچى بولغانلىقىمنى ئاڭلاڭلار. بابىللىقلارنىڭ زېمىنىدا ياشايدىغان كىشىلەرگە نېمە ئىش قىلماقچى بولغانلىقىمغا قۇلاق سېلىڭلار. ھەتتا ئۇلارنىڭ كىچىك بالىلىرىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ. بۇ ئەلنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىمەن.
مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم: «يايىڭلارنىڭ ئوقىنى ئۇچلاڭلار! قالقانلىرىڭلارنى ئېلىڭلار! پەرۋەردىگار مىدىيالىقلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قوزغاپ، ئۇلار ئارقىلىق بابىلنى گۇمران قىلماقچى. ئۇ ۋەيران قىلىنغان ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ.
ئەي بابىل، سەن تاغدەك بولۇپ، دۇنيانى ھالاك قىلدىڭ. مەن ئەمدى ساڭا قارشى تۇرىمەن. مەن قۇدرەتلىك قولۇمنى ساڭا قارشى سوزۇپ، سېنى تىك ياردىن ئىتتىرىۋېتىمەن. سېنى كۆيۈپ كەتكەن تاغدەك قىلىپ قويىمەن.
ئۇ ۋاقىتتا ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلار بابىلنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن تەنتەنە قىلىدۇ. چۈنكى شىمالدىن ۋەيران قىلغۇچىلار كېلىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
چۈنكى بىر ۋەيران قىلغۇچى بابىلغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بابىلنىڭ جەڭچىلىرى ئەسىرگە چۈشۈپ، ئوقيالىرى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار جازالايدىغان خۇدادۇر. ئۇ چوقۇم قىساس ئالىدۇ.
بابىلنىڭ قېلىن تاملىرى پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، ئۇنىڭ ئېگىز دەرۋازىلىرىغا ئوت قويۇلىدۇ. كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقلىرى بىھۇدە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ جاپا بىلەن ئېرىشكەنلىرى ئوتقا يەم بولىدۇ. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
مۇنداق دېدى: «ئۇلۇغ بابىل شەھىرىگە قاراڭلار، بۇ پايتەختنى مەن كۈچ-قۇدرىتىم ۋە شان-شەرىپىمنى نامايان قىلىش ئۈچۈن سالدۇرغان ئەمەسمىدىم؟!»
ئۇلار گۆر كولاپ كىرىۋالسىمۇ، كىرىۋالغان جايلىرىدىن تارتىپ چىقىرىمەن. ئۇلار ئاسمانغا چىقىۋالسىمۇ، ئاسماندىن تارتىپ چۈشۈرىمەن.
ئۇلارنى دۈشمەنلىرى سۈرگۈن قىلسا، شۇ يەردە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە قىلىچنى بۇيرۇيمەن. مەن ئۇلارغا بەخت ئەمەس، بەلكى بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشنى نىيەت قىلدىم.»
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ناھەق يول بىلەن پۇل تېپىپ، ئۆيىنى مال-دۇنياغا تولدۇرغانلار! زىيان-زەخمەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇۋىسىنى ئېگىز يەرگە قۇرغانلار!