يەرەمىيا 51:44 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى44 مەن بابىلدا ئۇلارنىڭ ئىلاھى بېلنى جازالايمەن. مەن ئۇ يېگەن ھەممە نەرسىلەرنى قۇستۇرىمەن. باشقا ئەللەر ئەمدى ئۇنىڭ ئالدىغا سەلدەك ئېقىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا چوقۇنمايدۇ. بابىلنىڭ سېپىللىرى جەزمەن ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ! Faic an caibideil |
خۇدا ئۇنىڭغا بەرگەن ئۇلۇغلۇق شۇنچىلىك يۈكسەك ئىدىكى، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەل ۋە خەلقلەر ئۇنىڭدىن شۇنداق قورقۇپ، تىترەپ تۇرۇشاتتى. ئۇنىڭ كىمنى ئۆلتۈرگۈسى كەلسە، شۇنى ئۆلتۈرەتتى، كىمنى ھايات قالدۇرغۇسى كەلسە، شۇنى ھايات قالدۇراتتى. كىمنى ئەزىزلىگۈسى كەلسە، شۇنى ئەزىز قىلاتتى، كىمنى خار قىلغۇسى كەلسە، شۇنى خار قىلاتتى.