Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 51:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 بابىل سېپىلىغا ھۇجۇم قىلىشقا تۇغ چىقىرىڭلار! كۆپلىگەن كۆزەتچىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، شەھەر ئەتراپىغا تۇرغۇزۇڭلار! بۆكتۈرمە قۇرۇپ تەييارلىنىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇ بابىل خەلقىگە قىلماقچى بولغانلىرىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 51:12
18 Iomraidhean Croise  

ھەرقانداق دانالىق، ئەقىل-ئىدراك ياكى مەسلىھەت، قارشى بولسا پەرۋەردىگارغا، كارغا كەلمەس پەقەت.


پەرۋەردىگار شۇ ئەللەردە تۇغ چىقىرىپ، سۈرگۈن قىلىنغان ئىسرائىللارنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. ئۇ يەھۇدىيەنىڭ چېچىلىپ كەتكەن خەلقىنى يەر يۈزىنىڭ تۆت تەرىپىدىن يىغىپ كېلىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن تاقىر تاغدا تۇغ تىكلەڭلەر، قوللىرىڭلارنى پۇلاڭلىتىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇلارغا چاقىرىق قىلىڭلار. ئۇلار شاھزادىلەرنىڭ ئوردا دەرۋازىلىرىغا ھۇجۇم قىلسۇن!


پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى، تاكى مەقسەتلىرىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرمىغۇچە يانمايدۇ. ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە بۇنى تولۇق چۈشىنىپ يېتىسىلەر.


زېمىن ھازا تۇتىدۇ، ئاسمان قاراڭغۇلۇققا چۆكىدۇ. مەن مەقسىتىمنى ئوچۇق ئېيتتىم ۋە قارار قىلدىم. قارارىمنى ئۆزگەرتمەيمەن.»


«بارلىق ئەللەرگە جاكارلاڭلار، ئۇقتۇرۇڭلار، تۇغ كۆتۈرۈپ ئېلان قىلىڭلار. ھېچنېمىنى يوشۇرماي مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: ‹بابىل ئىشغال قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىلاھى ماردۇق نومۇستا قالدۇرۇلىدۇ ۋە ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. بابىلنىڭ بۇتلىرى نومۇستا قېلىپ، ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.›


قورال ئامبىرىمنى ئېچىپ، غەزىپىمنى ياغدۇرىدىغان قوراللارنى ئېلىپ چىقتىم. چۈنكى مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بابىل زېمىنىدا بىر ئىش قىلىشىم كېرەك.


مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم: «يايىڭلارنىڭ ئوقىنى ئۇچلاڭلار! قالقانلىرىڭلارنى ئېلىڭلار! پەرۋەردىگار مىدىيالىقلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قوزغاپ، ئۇلار ئارقىلىق بابىلنى گۇمران قىلماقچى. ئۇ ۋەيران قىلىنغان ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ.


دۇنيادا جەڭ تۇغلىرى كۆتۈرۈلسۇن! بۇرغا چېلىنىپ، ئەللەر جەڭگە چاقىرىلسۇن. ئۇلار بابىلغا قارشى جەڭگە تەييارلانسۇن. ئارارات، مىننى ۋە ئاشكىنازنىڭ پادىشاھلىقلىرى جەڭگە چاقىرىلسۇن. يېتەكلەيدىغان سەردار تەيىنلەنسۇن. بابىلغا قارشى توپ-توپ چېكەتكىلەردەك ئاتلار ئەۋەتىلسۇن.


دۇنيا ئازاب-ئوقۇبەتتىن تىترەپ تولغىنىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار بابىلغا قارشى ئۆز مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، ئۇ بابىل زېمىنىنى ھېچكىم ياشىمايدىغان قاقاسلىققا ئايلاندۇرىدۇ.


پەرۋەردىگار ئورۇندىدى پىلانىنى، ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بۇرۇن قىلغان سۆزىنى، ئۇ رەھىم قىلماي يوقاتتى سېنى، مەغلۇبىيىتىڭدىن شادلاندۇرۇپ دۈشمىنىڭنى، تېخىمۇ كۈچلەندۈردى رەقىبىڭنى.


ھەممە ئەللەرنى يىغىپ، يىھوشافات [مەنىسى ‹پەرۋەردىگار سوتلايدۇ›] جىلغىسىغا ئاپىرىمەن. ئۇ يەردە مەن ئۇلارنى سوتلايمەن. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى، يەنى مېنىڭ مۈلكۈم بولغان ئىسرائىللارنى يات ئەللەرگە تارقىتىۋېتىپ، زېمىنىمنى بۆلۈشتى.


ئەي نىنەۋىلىكلەر، ۋەيران قىلغۇچىلار كېلىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلماقچى! سېپىللىرىڭلارغا قاراۋۇللارنى قويىۋېرىڭلار، يوللارنى مۇھاپىزەت قىلىۋېرىڭلار، قوشۇنلىرىڭلارنى يىغىپ، كۈچۈڭلارنى توپلاۋېرىڭلار!


ئاي شەھىرىنىڭ پادىشاھى شەھەرنىڭ شىمالىدىكى قوشۇننى كۆرۈپ، تاڭ سەھەردە ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ، ئالدىراپ-تېنەپ شەھەردىن چىقىپ، ئىئوردان ۋادىسىدىكى بۇرۇن ئۇرۇشقان جايغا بېرىپ، ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى. ئەمما ئۇ شەھەرنىڭ كەينىدىكى بۆكتۈرمىدە قوشۇن بارلىقىنى بىلمەيتتى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan