يەرەمىيا 51:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى11 مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم: «يايىڭلارنىڭ ئوقىنى ئۇچلاڭلار! قالقانلىرىڭلارنى ئېلىڭلار! پەرۋەردىگار مىدىيالىقلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قوزغاپ، ئۇلار ئارقىلىق بابىلنى گۇمران قىلماقچى. ئۇ ۋەيران قىلىنغان ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ. Faic an caibideil |
شۇڭا ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئاسسۇرىيە پادىشاھى پۈلنى، يەنى تىگلات-پىلئەسەرنى رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرىگە ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. پادىشاھ پۈل ئۇلارنى خالاخ، خابور ۋە ھارا دېگەن يەرلەرگە ھەمدە گوزان دەرياسىنىڭ بويلىرىغا سۈرگۈن قىلدى. شۇنىڭدىن بېرى ئۇلار شۇ يەرلەردە ياشاپ كەلمەكتە.