29 شۇڭا مەن ئۇلارنى ئاشۇ قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازالىماي قانداق تۇرالاي؟ مەن بۇنداق رەزىل خەلقتىن قىساس ئالماي قانداق تۇرالاي؟
سىلەر جىلغىدىكى سىلىق تاشلارنى بۇت بىلىپ تېۋىنىسىلەر، ئۇلار سىلەرنىڭ ئىنتىلگەن نېسىۋەڭلاردۇر. سىلەر ئۇلارغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى قۇيىسىلەر، ئۇلارغا ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلىسىلەر. خوش، بۇ ئىشلار مېنى رازى قىلارمۇ؟
ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار تاغلاردا يالغان ئىلاھلارغا كۈجە كۆيدۈرۈپ، تۆپىلىكلەردە ماڭا ھاقارەت قىلدى. مەن ئۇلارنى ئۆز يامانلىقلىرىغا يارىشا جازالايمەن.»
ئۇلارنى ئاشۇ قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازالىماي قانداق تۇرالاي؟ ماڭا قارشى تۇرغان بۇنداق خەلقتىن قىساس ئالماي قانداق تۇرالاي؟
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى دەرەخلەرنى كېسىڭلار. سېپىلىغا توپا دۆۋىلەپ ھۇجۇم قىلىڭلار. بۇ شەھەر جازالىنىشى كېرەك. ئۇنىڭدا زۇلۇمدىن باشقا نەرسە يوق.
شۇڭا مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، ئۇلارنى مۇشۇ رەزىل قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازالايمەن. مۇشۇنداق بىر خەلقتىن قىساس ئالمامدىمەن؟»
شۇ چاغدا مەن سىلەرنى سوراققا تارتىمەن، مەندىن قورقمايدىغان بارلىق باخشىلار، زىناخورلار، ساختا گۇۋاھچىلار، مەدىكارلارنىڭ ئىش ھەققىگە قارا سانايدىغانلار، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى خورلايدىغانلار ۋە يات ئەللەردىن بولغان مۇساپىرلارنى بوزەك قىلىدىغانلاردىن ھېساب ئالىمەن».
سىلەر ئېتىزلىقىڭلاردا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئىش-ھەقلىرىگە ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ كەلدىڭلار. ئۇلار ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىۋاتىدۇ. سىلەرگە ھوسۇل يىغىپ بېرىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ ئاھ-زارى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ قۇلىقىغا يەتتى.