21 ئەي، كۆزى تۇرۇپ كۆرمەيدىغان، قۇلىقى تۇرۇپ ئاڭلىمايدىغان ئەخمەق ۋە پاراسەتسىز خەلق، بۇنى ئاڭلاڭلار!
ئەي ئەلنىڭ ھاماقەتلىرى، ئويلاپ بېقىڭلار! ئەي ئەخمەقلەر، قاچان بولار ئەقلىڭلار؟
پۇلنىڭ نېمە پايدىسى ئەخمەقنىڭ قولىدىكى؟ سېتىۋالالامتى دانالىقنى؟ پەقەت يوق ئۇنىڭغا ئېرىشىش نىيىتى.
شاخ-شۇمبىلار سۇنۇپ، قۇرۇپ قاقشال بولغاندا، ئاياللار تېرىپ ئەكېلىپ ئوتۇن قىلىدۇ. بۇ خەلق ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا ياراتقۇچى ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارنى ئاپىرىدە قىلغۇچى ئۇلارغا شاپائەت قىلمايدۇ.
كۆزى ئوچۇق تۇرۇپ كۆرمىگەنلەرنى چاقىرىڭلار، قۇلىقى تۇرۇپ ئاڭلىمىغانلارنى چاقىرىڭلار.
ئۇلار ھەقىقەتەن ئەخمەق، كۆزلىرى كور كۆرەلمەيدۇ، قەلبى تۇتۇق چۈشەنمەيدۇ.
بۇ ئەللەرنىڭ ئادەملىرى ئەخمەق ھەم دۆتتۇر، ئۇلار ياغاچ بۇتلاردىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟
پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى: «خەلقىم ھاماقەت، ئۇلار مېنى تونۇمايدۇ. ئۇلار ئەخمەق، ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار رەزىل ئىش قىلىشنىڭ پىرلىرىدۇر ئۇلار ياخشىلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ.»
ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدا جاكارلىغىن، يەھۇدىيەنىڭ ھەممە يەرلىرىگە ئۇقتۇرغىن:
مەن ئويلىدىم: «بۇلار نامرات بولغاچقا، بىلىمسىزلىكىدىن مۇشۇنداق قىلىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى بىلمىگەچكە، ھاماقەتلەردەك ئىش قىلىدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ ئۆزلىرىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
مەن مۇنداق جاۋاب بەردىم: «كىمگە گەپ قىلاي، كىمنى ئاگاھلاندۇراي؟ گېپىمنى كىم ئاڭلايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى ئېتىۋېتىلگەن، ئاڭلىيالمايدۇ. ئۇلار سېنىڭ سۆزلىرىڭنى كۆزگە ئىلمايدۇ، پەقەت ئاڭلاشنى خالىمايدۇ.
مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىۋاتىمەن، سىلەر نۇرغۇن رەزىل ئىشلارنى قىلدىڭلار، مېنىڭ قايتا-قايتا ئېيتقان سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار. مەن سىلەرنى توۋا قىلىشقا چاقىرغاندا، سىلەر جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدىڭلار!
ھەتتا لەيلەك قۇشلىرىمۇ قاچان كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، پاختەكلەر، قارلىغاچلار ۋە تۇرنىلارنىڭ ھەممىسى كۆچىدىغان ۋاقتىنىڭ قاچانلىقىنى بىلىدۇ، بىراق مېنىڭ خەلقىم مېنىڭ قائىدە-نىزاملىرىمنى بىلمەيدۇ.
_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ ئارىسىدا ياشايسەن. ئۇلارنىڭ كۆزى تۇرۇپ كۆرمەيدۇ، قۇلىقى تۇرۇپ ئاڭلىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاسىيلاردۇر.
ئىسرائىلىيە خەلقى خۇددى پاختەكتەك ئەقىلسىز ۋە دۆتتۇر. ئۇلار بىر دەم مىسىردىن ياردەم سورىسا، بىر دەم ئاسسۇرلارغا ئۇچىدۇ.
ئەجدادلىرىڭلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشنى خالىمىدى. ئۇلار جاھىللىق قىلدى، مەندىن يۈز ئۆرۈپ، قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالدى.
بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ مۇنۇ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «قىلغانلىرىمغا قارايدۇ، قارايدۇ، مەنىسىنى ئۇقمايدۇ. سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ، ئاڭلايدۇ، چۈشەنمەيدۇ. ئۇنداق بولمىسىدى، ماڭا قايتاتتى، مەنمۇ ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلاتتىم.»
كۆزۈڭلار تۇرۇپ كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ قۇلىقىڭلار تۇرۇپ ئاڭلىمايۋاتامسىلەر؟ ئېسىڭلاردا يوقمۇ؟
«بېرىپ بۇ خەلققە مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئېيتقىن: ˜سۆزلىرىمنى ئاڭلايسىلەر، ئاڭلايسىلەر، چۈشەنمەيسىلەر. قىلغانلىرىمغا قارايسىلەر، قارايسىلەر، مەنىسىنى ئۇقمايسىلەر.
دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى، خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس ئۆزگىچىلىكلىرى، يەنى ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك قۇدرىتى ۋە بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكى ئۆزى ياراتقان مەۋجۇداتلار ئارقىلىق ئوچۇق كۆرسىتىلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن، ئىنسانلار خۇدانى بىلمەيمىز، دەپ باھانە كۆرسىتەلمەيدۇ.
بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇدا ئۇلارنىڭ قەلبىنى غەپلەتتە قالدۇردى، بۈگۈنگىچە كۆزلىرىنى كۆرمەس، قۇلاقلىرىنى ئاڭلىماس قىلدى.»
سىلەر ئۇنىڭ ئېغىر ئاپەتلەرنى قانداق پەيدا قىلىپ، قانداق بۈيۈك مۆجىزە-كارامەتلەرنى ياراتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار.
لېكىن پەرۋەردىگار تاكى بۈگۈنگىچە سىلەرگە چۈشىنەلەيدىغان قەلب، كۆرەلەيدىغان كۆز، ئېنىق ئاڭلىيالايدىغان قۇلاق بەرمىدى.
ئەي بىلىمسىز، نادانلار، مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇرامسىلەر پەرۋەردىگارغا؟ ئۇ سىلەرنى ياراتقان ئاتاڭلارغۇ؟ سىلەرنى بىر خەلق قىلدىغۇ؟