Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 5:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ھەتتا ئاشۇ كۈنلەر كەلگەندىمۇ، مەن خەلقىمنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتمەيمەن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 5:18
10 Iomraidhean Croise  

چۈنكى مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن سىلەرگە يار بولىمەن ۋە سىلەرنى قۇتقۇزىمەن. مەن سىلەرنى چېچىۋەتكەن يەرلەردىكى خەلقلەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىمەن، لېكىن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ۋەيران قىلمايمەن. سىلەرنى ئادىللىق بىلەن تەربىيەلەيمەن، ھەرگىز جازاسىز قويمايمەن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «پۈتۈن زېمىن خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، شۇنداقتىمۇ مەن ئۇنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتمەيمەن.


مەن سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارغا شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى: ‹سىلەر مېنىڭ ئۈزۈمزارلىقىمغا كىرىپ، ئۇنى ۋەيران قىلىڭلار، لېكىن پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمەڭلار. ئۈزۈمزارلىق ماڭا مەنسۇپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تەكلەرنى كېسىۋېتىڭلار.


ئۇلار زىرائەتلىرىڭلار ۋە يېمەكلىكىڭلارنى يەپ تۈگىتىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدۇ، چارۋا ماللىرىڭلارنى يەپ بولىدۇ، ئۈزۈمزارلىقىڭلار ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرىڭلارنى قۇرۇتۇپ تاشلايدۇ. ئۇلار سىلەر ئىشەنگەن مۇستەھكەم شەھەرلىرىڭلارنى قىلىچ بىلەن ۋەيران قىلىدۇ.»


ئۇلار سەندىن: ‹نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە بۇنداق غەزەپلىنىدۇ؟› دەپ سورايدۇ. سەن ئۇلارغا: ‹چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگاردىن ۋاز كېچىپ، ئۆز زېمىنىڭلاردا بۇتلارغا چوقۇندۇڭلار. شۇڭا سىلەر يات زېمىندا يات ئەللەرنىڭ قۇلى بولىسىلەر› دەپ جاۋاب بېرىسەن.


مەن مۇشۇ ۋەھىينى يەتكۈزۈۋاتقىنىمدا، بىنايانىڭ ئوغلى پىلاتيا ئۆلدى. مەن ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ: _ ئېھ ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن ھايات قالغان ئاشۇ ئازغىنە ئىسرائىللارنىمۇ يوقاتماقچىمۇسەن؟ _ دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا نالە قىلدىم.


شۇنداقتىمۇ مەن ئۇلارنى ئايىدىم، ئۇلارنى ۋەيران قىلمىدىم، چۆللۈكتە پۈتۈنلەي ھالاك قىلمىدىم.


پەقەت مەنلا قالدىم. مەن ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ، نىدا قىلدىم: _ ئېھ ئىگەم پەرۋەردىگار، يېرۇسالېمغا غەزەپ قىلغىنىڭدا، ئىسرائىلىيەدە قېلىپ قالغان بارلىق ئىسرائىللارنىمۇ ھالاك قىلماقچىمۇ؟


ئى پەرۋەردىگار، مۇقەددەس خۇدايىم، سەن ئەزەلدىن بارسەن، مەڭگۈ يوقالمايسەن! ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنى جازالاش ئۈچۈن بابىللىقلارنى تاللىدىڭمۇ؟ ئەي پاناھگاھىمىز، بىزنى جازالاش ھوقۇقىنى ئۇلارغا بەردىڭمۇ؟


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan