Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 5:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ قۇرۇق گەپ قىلغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارغا ۋەھىي چۈشۈرگەن ئەمەس. شۇڭا ئۇلارنىڭ دېگەنلىرى ئۆز بېشىغا چۈشسۇن.»

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 5:13
13 Iomraidhean Croise  

لېكىن ئۇلار خۇدانىڭ ئەلچىلىرىنى مازاق قىلدى، سۆزلىرىنى زاڭلىق قىلدى، پەيغەمبەرلىرىنى مەسخىرە قىلدى. ئاخىرى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى شۇ قەدەر قوزغىدىكى، ئۇلارغا قۇتۇلغۇدەك يول قالمىدى.


سۆزلىرىمنى تەنقىد قىلماقچىمۇسىلەر؟ ئۈمىدسىز ئادەمنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى خۇددى شامالغا ئوخشاش دەپ ئويلامسىلەر؟


«بۇ گەپلەرنى يەنە قاچانغىچە قىلىسەن؟ ئېغىزدىن چىققان سۆزلەر خۇددى بورانغا ئوخشار.


سوۋغات بېرىمەن دەپ ماختانغان لېكىن بەرمىگەن كىشى، خۇددى يامغۇرى يوق قارا بۇلۇت ۋە بوران كەبى.


قاراڭلار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان ئەمەسمۇ؟ ئۇلار ھېچبىر ئىشنى قىلالمايدۇ، ئۇلار خۇددى شامالغا ئوخشاش يوقلۇقتۇر.»


مەن مۇنداق دېدىم: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، قارا! ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا: «ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىق بېشىڭلارغا كەلمەيدۇ. پەرۋەردىگار سىلەرگە بۇ زېمىندا ئەبەدىي تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلىدۇ.» دەۋاتىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، مەن ئۇلارغا ھېچقانداق ۋەھىي چۈشۈرمىسەممۇ، مېنىڭ نامىم بىلەن سۆزلىگەن بۇ يالغانچى پەيغەمبەرلەرنى جازالايمەن. ئۇلار: «ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىق كەلمەيدۇ» دەيدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلىدۇ!


شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئادەملەر: _ كېلىڭلار، يەرەمىياغا سۇيىقەست قىلايلى! بىزگە تەلىم بېرىدىغان روھانىيلىرىمىز، مەسلىھەت بېرىدىغان دانالىرىمىز، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزىدىغان پەيغەمبەرلىرىمىز يەنە چىقىدۇ. بىز يەرەمىيانىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلايلى، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمايلى، _ دېيىشتى.


يېتەكچىلىرىڭلارنى شامال ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، ئىتتىپاقداشلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ. سىلەر قىلغان بارلىق رەزىل ئىشلىرىڭلار ئۈچۈن، چوقۇم خورلۇق ۋە ئىزا-ئاھانەتكە قالىسىلەر.


بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بۇ جايدىن بابىلغا يۆتكەپ كەتكەن بارلىق نەرسىلەرنى مەن ئىككى يىل ئىچىدە ئورنىغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىمەن.


ھوشايانىڭ ئوغلى ئازاريا، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە باشقا تەكەببۇر ئادەملەر يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ يالغان سۆزلەۋاتىسەن! پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سېنى بىزگە «مىسىرغا بارماڭلار!» دەپ ئېيتىشقا ئەۋەتمىدى.


جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى، جازالىنىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى! ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، بۇنى بىلىڭلار. سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار ئېغىر، قەلبىڭلار ئۆچمەنلىككە تولغاندۇر. سىلەر: «پەيغەمبەرلەر ھاماقەت، پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلگەن ئادەملەر ساراڭ» دەيسىلەر.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan