Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 49:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئەي دىدان شەھىرىدە ماكانلاشقانلار، ئارقاڭلارغا بۇرۇلۇپ قېچىڭلار، چوڭقۇر ئۆڭكۈرلەرگە يوشۇرۇنۇڭلار. چۈنكى مەن ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەن. مەن ئۇلارنى جازالايدىغان ۋاقىتنى بەلگىلەپ بولدۇم.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 49:8
22 Iomraidhean Croise  

پەرۋەردىگار ئورنىدىن قوزغىلىپ زېمىننى لەرزىگە كەلتۈرگەندە، كىشىلەر ئۇنىڭ غەزىپىدىن ۋە ھەيۋەتلىك ئۇلۇغلۇقىدىن، قورقۇنچلۇق ۋەھىمە ئىچىدە غارلارغا ۋە ئۆڭكۈرلەرگە كىرىپ كېتىدۇ.


بۇ، ئەرەب چۆللۈكى توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: ئەي دىدانلىقلارنىڭ كارۋانلىرى، سىلەر ئەرەبىستان چۆللۈكىدە چېدىر تىكىپ ئولتۇرىسىلەر.


پەرۋەردىگار: «مېنىڭ قىلىچىم ئاسماندىكى سوراقنى تۈگىتىپ، ئاندىن، مەن تەلتۆكۈس يوقىتىشنى ئىرادە قىلغان ئىدومغا چۈشىدۇ» دېدى.


دىدان، تەما، بۇز خەلقلىرى، چەت-ياقا جايلاردا ياشاۋاتقان خەلقلەر،


مىسىرنىڭ ياللانما لەشكەرلىرى سېمىز موزايلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ئارقىغا بۇرۇلۇپ، بىللە قاچىدۇ، ئۆز ئورۇنلىرىدا چىڭ تۇرالمايدۇ. چۈنكى ئۇلارغا ئاپەت كېلىدىغان ۋاقىت كەلدى. ئۇلارنى جازالايدىغان كۈن كەلدى!


ئەي موئاب خەلقى، شەھەرلىرىڭلارنى تاشلاپ، تىك يارلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ ياشاڭلار. ئۆڭكۈر ئېغىزىغا ئۇۋا سالىدىغان كەپتەرلەردەك تۇرۇڭلار.


ۋەھىمىدىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغانلار ئورەكلەرگە چۈشەر، ئورەكلەردىن چىققانلار تۇزاققا چۈشەر. چۈنكى مېنىڭ موئاب خەلقىنى جازالايدىغان ۋاقتىم يېتىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئۇلار ‹قېچىڭلار! ھەتتا چۆلدىكى يېگانە چاتقالغا ئوخشاش قالساڭلارمۇ، قېچىپ ئۆزۈڭلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار!› دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلايدۇ.


ئەي خازوردا ياشاۋاتقانلار، سىلەرگە ئېيتاي: ‹دەرھال قېچىڭلار! چوڭقۇر يوشۇرۇنۇڭلار! بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر سىلەرگە قارشى پىلان تۈزدى، ئۇ سىلەرگە ھۇجۇم قىلماقچى.›»


ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى ۋە بارلىق چارۋا ماللىرىنى تارتىۋېلىڭلار! مەن چەت-ياقا جايلاردا ياشاۋاتقان بۇ ئەللەرنى تەرەپ-تەرەپكە چېچىۋېتىمەن ھەمدە ئۇلارغا ھەممە تەرەپتىن بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەن.


ئۇنىڭ بارلىق لەشكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىرىۋېتىڭلار! ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ئۇلارنىڭ يامان كۈنى كەلدى، يەنى ئۇلارنىڭ جازالىنىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى.»


جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار، ئەي بىنيامىن خەلقى! يېرۇسالېمدىن قېچىپ چىقىڭلار! تىقوۋادا بۇرغا چېلىپ، بەيت-ھاككەرەمدە گۈلخان يېقىپ، بەلگە كۆرسىتىڭلار! چۈنكى شىمالدىن بالايىئاپەت كېلىۋاتىدۇ، ئېغىر ۋەيرانچىلىق يېقىنلىشىۋاتىدۇ.


شۇڭا مەن ئىدومغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرۈپ، ئۇ يەردىكى ئادەملەرنى، ھايۋانلارنى يوقىتىپ، زېمىنلىرىنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن. تېمان شەھىرىدىن دىدان شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىقتا ياشايدىغان خەلقنى قىلىچتىن ئۆتكۈزىمەن.


ئەمما ئەساۋنى رەت قىلدىم. ئەساۋغا تەقسىم قىلىنغان تاغلارنى دەشت-باياۋانغا ئايلاندۇرۇپ، چىلبۆرىلەرگە تاشلاپ بەردىم».


ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىدوملۇقلار بەلكىم: «بىزنىڭ يۇرتىمىز ۋەيران قىلىنسىمۇ، ئەمما بىز بۇ خارابىلىكنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقالايمىز» دېيىشى مۇمكىن. بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بەلكىم ئۇلار يەنە قايتىدىن قۇرۇپ چىقار، ئەمما مەن يەنە ۋەيران قىلىمەن. ئۇلارنىڭ زېمىنى ‹رەزىللىككە تولغان زېمىن›، خەلقى ‹پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك غەزىپىگە ئۇچرىغان خەلق› دەپ نام ئالىدۇ.


دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى، ھۆكۈمرانلىرى، سەردارلىرى، بايلىرى، ھوقۇقدارلىرى، قۇللىرى ۋە ھۆرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆڭكۈرلەرگە ۋە تاغلارنىڭ كامارلىرىغا يوشۇرۇندى.


مىديانلار ئىسرائىللاردىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئىسرائىللار تاغدىكى بىخەتەر جايلار، ئۆڭكۈرلەر ۋە قورغانلاردا پاناھلاندى.


ئەمما ئىسرائىللار بولسا ئۆزلىرىنىڭ خەۋپ ئاستىدا قالغانلىقىنى، ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىنى كۆرۈپ، غارلارغا، كامارلارغا، قىيا تاشلار ئارىسىغا، قەبرىلەرگە ۋە ئازگاللارغا يوشۇرۇنۇۋالدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan