Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 49:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 بۇ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىدوم توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر. «تېمان شەھىرىدە ئەقىل-پاراسەت قالمىدىمۇ؟ ئۇنىڭ دانالىرى ياخشى نەسىھەت بېرەلمەمدۇ؟ ئەجەبا، ئۇلاردا ئەقىل-پاراسەت غايىب بولدىمۇ؟

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 49:7
39 Iomraidhean Croise  

ياقۇپقا: _ قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى. قاينىتىۋاتقان ئاۋۇ قىزىل ماش شورپاڭدىن ئىچكىلى قويساڭچۇ! _ دېدى. شۇ سەۋەبتىن ئەساۋنىڭ يەنە بىر ئىسمى ئىدوم [ئىبرانىي تىلىدىكى «قىزىل» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئاتالدى.


ئەساۋ ياقۇپقا قارىتا كۆڭلىگە ئۆچمەنلىك پۈكتى. چۈنكى ئاتىسى ياقۇپقا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەنىدى. ئۇ ئىچىدە: «ئاتام ئالەمدىن ئۆتۈشكە ئاز قالدى. قارىلىق كۈنىنى تۈگىتىپلا، ياقۇپنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دەپ ئويلىدى.


ياقۇپنىڭ ئاكىسى ئەساۋ ئىدوم، يەنى سەئىر رايونىدا تۇرۇۋاتاتتى. ياقۇپ ئاكىسى ئەساۋنىڭ ئالدىغا ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ،


ئەلىفازنىڭ بەش ئوغلى بولدى. ئۇلار: تېمان، ئومار، زىفو، گاتام ۋە قېناز.


ئەساۋنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى بولغان ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەردۇر. ئەساۋنىڭ تۇنجى ئوغلى ئەلىفازنىڭ ئوغۇللىرى: تېمان، ئومار، زىفو، قېناز،


يوباب ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا تېمان رايونىدىن كەلگەن خۇشام چىقتى.


شۇڭا ئەساۋ، يەنى ئىدوم سەئىر تاغلىق رايونىغا بېرىپ تۇردى.


قېناز، تېمان، مىبزار،


ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستى بار ئىدى. ئۇلار تېمانلىق ئەلىفاز، شۇۋاخلىق بىلداد، نائامالىق زوفار ئىدى. ئۇلار ئايۇپنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەردىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭدىن ھال سوراش ۋە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن بىرلىكتە يوقلاپ كېلىشكە پۈتۈشۈپ، يۇرتلىرىدىن كېلىشكەنىدى.


تېمانلىق ئەلىفاز مۇنداق دېدى:


ئى پەرۋەردىگار، ئىدوملۇقلارنىڭ زوراۋانلىقى بولسۇن يادىڭدا، يېرۇسالېم قولدىن كەتكەن كۈنى ئۇلار دېيىشكەنىدى: «ئۇنى بۇزۇڭلار، چېقىڭلار، يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار.»


بۇ، دۇماھ توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر. سەئىردىن بىر ئادەم مېنى چاقىرىۋاتىدۇ: «قاراۋۇل، تاڭ ئېتىشقا قانچىلىك قالدى؟ قاراۋۇل، تاڭ ئېتىشقا قانچىلىك قالدى؟»


شۇ سەۋەبتىن، مەن بۇ خەلققە، ئۇلارنى چۆچۈتىدىغان پەۋقۇلئاددە ئىشلارنى قايتا-قايتا قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئاقىللىرى ئەقىلسىز بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ پاراسەتلىك كىشىلىرى، پاراسەتسىز بولۇپ قالىدۇ!»


مەن پەرۋەردىگار، خەلقىمگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا ھۇجۇم قىلغان رەزىل قوشنا ئەللەر توغرىسىدا مۇنداق دەيمەنكى، مەن بۇ ئەللەرنى ئۆزلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقىرىمەن، شۇنداقلا ئۇ يەرلەرگە ئېلىپ كېتىلگەن يەھۇدىيە خەلقىنى ئازاد قىلىمەن.


شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئادەملەر: _ كېلىڭلار، يەرەمىياغا سۇيىقەست قىلايلى! بىزگە تەلىم بېرىدىغان روھانىيلىرىمىز، مەسلىھەت بېرىدىغان دانالىرىمىز، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزىدىغان پەيغەمبەرلىرىمىز يەنە چىقىدۇ. بىز يەرەمىيانىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلايلى، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمايلى، _ دېيىشتى.


ئىدوم، موئاب، ئامموننىڭ بارلىق خەلقلىرى،


دىدان، تەما، بۇز خەلقلىرى، چەت-ياقا جايلاردا ياشاۋاتقان خەلقلەر،


مەن شىمالدىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋە ‹خىزمەتكارىم› بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چاقىرىپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنى يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق قوشنا ئەللەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلاندۇرىمەن. مەن بۇ خەلقنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. مەن ئۇلارنى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى مەسخىرە نىشانى قىلىمەن.


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار ئىدومغا قارشى نېمە قىلماقچى بولغانلىقىمنى ئاڭلاڭلار. تېمان شەھىرىدە ياشايدىغان كىشىلەرگە نېمە ئىش قىلماقچى بولغانلىقىمغا قۇلاق سېلىڭلار. ھەتتا ئۇلارنىڭ كىچىك بالىلىرىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ، بۇ ئەلنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىمەن.


دانالار نومۇسقا قېلىپ، ساراسىمىگە چۈشۈپ، قىلتاققا ئىلىندى. ئۇلار مېنىڭ سۆزلىرىمنى رەت قىلغان تۇرسا، ئۇلاردا قانداقمۇ ئەقىل-پاراسەت بولسۇن؟


ئەي ئۇس يۇرتىدا ياشايدىغان ئىدوملۇقلار، خۇشال بولۇۋېلىڭلار، شادلىنىۋېلىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تولغان قەدەھ كېلەر ئەمدى سىلەرگە، ئۇنى ئىچىپ مەست بولىسىلەر، ئاندىن يالىڭاچلىنىسىلەر.


ئىدوممۇ پادىشاھلىرى ۋە شاھزادىلىرى بىلەن بىرگە ئۇ يەردىدۇر. ئۇلار بەك كۈچلۈك بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا گۆردىكى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ۋە خەتنە قىلىنمىغانلار بىلەن بىرگىدۇر.


ھەتتا گۈزەل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئون مىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ. پەقەت ئىدوم، موئاب خەلقى ۋە ئاممونلارنىڭ رەھبەرلىرى قېچىپ قۇتۇلىدۇ.


لېكىن مىسىر قاقاسلىققا، ئىدوم چۆلگە ئايلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار يەھۇدىيە خەلقىگە زوراۋانلىق قىلىپ، يەھۇدىيە زېمىنىدا گۇناھسىزلارنىڭ قېنىنى تۆكتى.


كۆردۈمكى كەلگەنلىكىنى خۇدانىڭ تېمان زېمىنىدىن، كۆردۈمكى چۈشكەنلىكىنى مۇقەددەس خۇدانىڭ پاران تېغىدىن. سېلاھ ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى كۆكنى قاپلىدى، تولدى پۈتكۈل يەر-زېمىن ئۇنىڭغا ئېيتىلغان ھەمدۇسانالارغا.


ئىدوملۇقلارنى ئۆچ كۆرمەڭلار، ئۇلار قېرىندىشىڭلاردۇر. مىسىرلىقلارنى ئۆچ كۆرمەڭلار، چۈنكى سىلەر ئۇ زېمىندا مۇساپىر بولۇپ ياشاپ باققان.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan