يەرەمىيا 49:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5 مەن ئىگەڭلار _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، مەن تۆت ئەتراپىڭلاردىكى بارلىق خەلقلەردىن سىلەرگە ۋەھىمە كەلتۈرىمەن. سىلەر ھەر تەرەپكە تارقىتىۋېتىلىسىلەر، قاچقانلارنى يىغىدىغان ئادەم چىقمايدۇ. Faic an caibideil |
لېكىن مەن پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى، مەن ھازىر بۇ خەلققە نۇرغۇن دۈشمەنلەرنى ئەۋەتىمەن، بېلىقچىلار خۇددى بېلىق تۇتقاندەك، ئۇلار خەلقىمنى تۇتىدۇ. مەن يەنە خەلقىمنى ئوۋلايدىغان ئوۋچىلارنى ئەۋەتىمەن. ئۇلار خەلقىمنى مۇشۇ زېمىندىكى بارلىق تاغلاردىن، دۆڭلەردىن، قورام تاشلارنىڭ يېرىقلىرىدىن ئوۋلايدۇ.
ئەي پاشكۇر، پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ساڭا ۋە دوست-بۇرادەرلىرىڭغا ۋەھىمە سالىمەن. دوستلىرىڭنى دۈشمەنلىرى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن. مەن پۈتكۈل يەھۇدىيە خەلقىنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. بابىل پادىشاھى ئۇلارنى ئەسىرگە ئېلىپ، بابىلغا يالاپ، ئېلىپ كېتىدۇ ياكى ئۇلارنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىدۇ.