يەرەمىيا 49:34 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى34 زىدقىيا پادىشاھ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەسلەپكى مەزگىللەردە، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىيا پەيغەمبەرگە ئېلام توغرىسىدا ۋەھىي كەلدى. Faic an caibideil |
يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيانىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا، يەنى ئۇنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزگىنىگە تۆت يىل بەش ئاي بولغان ۋاقىتتا، ئاززۇرنىڭ ئوغلى، يەنى گىبئونلۇق پەيغەمبەر خانانيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا يەرەمىياغا سۆز قىلدى. ئۇ روھانىيلار ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: