25 ئىلگىرى شاد-خۇراملىققا تولغان مەشھۇر شەھەر تاشلىنىپ قالىدۇ.
بۇرۇنقىدەك ئادىل سوراقچىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، بۇرۇنقىدەك دانا مەسلىھەتچىلەرنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. شۇندىلا يېرۇسالېم ‹ھەققانىيەتلىك شەھەر›، ‹ساداقەتلىك شەھەر› دەپ ئاتىلىدۇ.»
ئاندىن بۇ شەھەر يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئالدىدا ماڭا شادلىق، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ! ئۇ ئەللەر مېنىڭ خەلقىمگە قىلغان ھەممە ياخشى ئىشلىرىمنى ئاڭلايدۇ ۋە ئۇلارغا ئاتا قىلغان تىنچلىقىم ۋە ئۇلارنى گۈللەندۈرۈشۈم سەۋەبىدىن قورقۇپ، تىترەيدۇ.
كىشىلەر ئەمدى موئابنى مەدھىيەلىمەيدۇ. دۈشمەن خەشبوندا موئابنى ۋەيران قىلىشنى ئويلايدۇ. ئۇلار: ‹يۈرۈڭلار، بۇ ئەلنى ۋەيران قىلايلى!› دەيدۇ. ئەي مادمېن شەھىرى، سەنمۇ جىمىقتۇرۇلىسەن. قىلىچ سېنى ئىزدەيدۇ.
موئاب پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ، ئۇنىڭ خەلقى ھۆڭرەپ يىغلايدۇ ۋە ئېغىر ئاھانەتكە قالىدۇ! موئاب قورقۇنچلۇق ھالىتى بىلەن ئەتراپىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ.»
ئاھ، بابىل شەھىرى ئىشغال قىلىنىدۇ! پۈتۈن دۇنيا ماختىغان بۇ شەھەر ئەسىرگە ئېلىنىدۇ. بابىل ئەللەر ئارىسىدا بىر قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.
مۇنداق دېدى: «ئۇلۇغ بابىل شەھىرىگە قاراڭلار، بۇ پايتەختنى مەن كۈچ-قۇدرىتىم ۋە شان-شەرىپىمنى نامايان قىلىش ئۈچۈن سالدۇرغان ئەمەسمىدىم؟!»
ئۇنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ دەيدۇكى: «ئىسىت، ئىسىت، كاتتا شەھەر! ئاھ بابىل، كۈچلۈك شەھەر! تارتىلدىڭ جازاغا، بىر سائەت ئىچىدىلا!»