21 ئىدوم گۈلدۈرلەپ يىقىلغاندا دۇنيا لەرزىگە كېلىدۇ. ئۇنىڭ ھۆڭرەپ يىغلىغان ئاۋازلىرى قىزىل دېڭىزغىچە يېتىپ بارىدۇ.
بابىل گۈلدۈرلەپ يىقىلغاندا دۇنيا لەرزىگە كېلىدۇ. ئۇنىڭ ھۆڭرەپ يىغلىغان ئاۋازلىرى بارلىق ئەللەرگە ئاڭلىنىدۇ.»
ئەي قىلىچ، ئوڭ-سولۇڭغا ئۇرۇل، قايسى تەرەپ بولسا مەيلى.
بېشىڭغا كەلگەن ئىشلار سەۋەبىدىن نۇرغۇن خەلقلەر ھەيران قالىدۇ. قىلىچىمنى پۇلاڭلاتقان ۋاقتىمدا نۇرغۇن پادىشاھلار قورقۇپ، ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. سەن گۇمران بولغان كۈنى ئۇلار جانلىرىدىن ئەنسىرىشىپ تىترىشىدۇ.
ئۇنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ دەيدۇكى: «ئىسىت، ئىسىت، كاتتا شەھەر! ئاھ بابىل، كۈچلۈك شەھەر! تارتىلدىڭ جازاغا، بىر سائەت ئىچىدىلا!»