Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 49:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 ئىدوم قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشىدۇ، ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ۋەيرانە ھالىتىنى مەسخىرە قىلىشىدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 49:17
16 Iomraidhean Croise  

مەن سېنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن، ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەن ھەرقانداق ئادەمنى يوقىتىمەن.


مەن ئۇنىڭغا غەزىپىمنى ياغدۇرغاندىن كېيىن، بابىل ھېچكىم ياشىمايدىغان قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ. ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە بابىلنىڭ ۋەيرانە ھالىتىنى مەسخىرە قىلىشىدۇ.


مەن پەرۋەردىگار قەسەم قىلىمەنكى، بوزرا شەھىرى خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىپ، قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. كىشىلەر سىلەرنى مەسخىرە قىلىپ، نامىڭلارنى قارغاشقا ئىشلىتىدۇ. بوزرا ئەتراپىدىكى بارلىق شەھەر-يېزىلار مەڭگۈ ۋەيرانچىلىقتا ياتىدۇ.»


بابىل خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىپ، چىلبۆرىلەر ئۇ يەرنى ماكان تۇتىدۇ. ئۇ قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇ يەردە ياشىمايدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ زېمىنى خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، بۇ زېمىن مەسخىرە نىشانى بولۇپ قالىدۇ. بۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە باشلىرىنى چايقىشىدۇ.


ھازىر ئۇلۇغلىنىۋاتقان بۇ ئىبادەتخانا خارابىلىككە ئايلىنىدۇ. بۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر ھەيران بولۇشۇپ ۋە مەسخىرە قىلىشىپ: «پەرۋەردىگار نېمىشقا بۇ زېمىننى ۋە ئىبادەتخانىنى بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغاندۇ؟» دەپ سورىشىدۇ.


خۇشال ياشاۋاتقان بۇ شەھەر: «مەن بۈيۈكتۇرمەن، تەڭدىشىم يوقتۇر» دەپ ماختىنىپ، ئۆزىنى خاتىرجەم ھېس قىلىدۇ. بىراق ئۇ قاقاسلىشىپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ماكانىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر قوللىرىنى شىلتىشىپ، مەسخىرە قىلىشىدۇ.


چۈنكى سىلەر پادىشاھ ئومرىنىڭ ناچار ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئوغلى ئاخابنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىغا شېرىك بولدۇڭلار. ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭدىڭلار. شۇڭا مەن سىلەرنى ۋەيران قىلىمەن. ئاھالىلەرنى مەسخىرىگە قويىمەن، سىلەر باشقا ئەللەرنىڭ خورلۇقىغا ئۇچرايسىلەر.»


ئىسرائىل زېمىنى قاقاسلىققا ئايلانغاندا سەن خۇشال بولدۇڭ، شۇڭا سېنىمۇ قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن. ئەي سەئىر تېغى، ئەي پۈتۈن ئىدوم زېمىنى، سىلەر قاقاسلىققا ئايلىنىسىلەر. شۇندىلا ئىسرائىل خەلقى مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.›»


شۇڭا مەن ئىدومغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرۈپ، ئۇ يەردىكى ئادەملەرنى، ھايۋانلارنى يوقىتىپ، زېمىنلىرىنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن. تېمان شەھىرىدىن دىدان شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىقتا ياشايدىغان خەلقنى قىلىچتىن ئۆتكۈزىمەن.


كېيىنكى ئەۋلادىڭلار ۋە يىراقتىن كەلگەن يات خەلقلەر پەرۋەردىگارنىڭ بۇ زېمىنغا چۈشۈرگەن بالايىئاپەت ۋە كېسەللىكلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ.


سەن باشقا ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە قالدىڭ. سەن قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتكە دۇچار بولدۇڭ، ئەمدى قايتا مەۋجۇت بولمايسەن.»


ۋە پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي سەئىر تېغى، مەن ساڭا قارشى تۇرىمەن، قولۇمنى كۆتۈرۈپ سېنى ئۇرىمەن، سېنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan