Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 49:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئاممون توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر: «ئىسرائىل ئەۋلادلىرى يوقمۇ؟ ئۇلارنىڭ گاد زېمىنغا ۋارىسلىق قىلغۇدەك ئىزباسارلىرى يوقمۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇت ئىلاھ مولەك ۋە ئۇنىڭ چوقۇنغۇچىلىرى گاد زېمىنى ۋە ئۇنىڭ شەھەرلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۇ يەرلەرگە ماكانلىشىۋالىدۇ؟

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 49:1
32 Iomraidhean Croise  

كىچىك قىزىمۇ بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى بەنئاممى [مەنىسى «خەلقىمنىڭ ئوغلى»] دەپ قويدى. ئۇ كېيىن ئاممونلارنىڭ ئەجدادى بولدى.


يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئارنون دەرياسىغا يېقىن بولغان شەھەر ئاروئېردىن گىلئاد ۋە باشانغىچە ھۇجۇم قىلدى ۋە ئۇ يەردىكى گادلارنىڭ، رۇبېنلارنىڭ ۋە شەرقىي ماناسسە قەبىلىلىرىنىڭ بارلىق زېمىنلىرىنى بېسىۋالدى.


پەرۋەردىگار خۇددى ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك، يەھۇدىيەنى يەر بىلەن يەكسان قىلىش ئۈچۈن يىھوياقىمغا قارشى بابىل، ئاررام، موئاب ۋە ئاممون قاراقچىلىرىنى ئەۋەتتى.


كېيىن موئابلار، ئاممونلار ۋە مىئۇنلارنىڭ بىر قىسمى بىرلىكتە يىھوشافاتقا ھۇجۇم قىلغىلى كەلدى.


ئەسلىدە ئاممون ۋە موئابلار سەئىر تاغلىرىدىن كەلگەنلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقاتقاندىن كېيىن، ئاممون ۋە موئابلار ئۆزئارا بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىشقانىدى.


خورونلۇق سانباللات بىلەن ئاممونلاردىن بولغان ئەمەلدار توبىيا ۋە گەشەم ئىسىملىك بىر ئەرەب بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، بىزگە نەپرەت قىلىپ: _ سىلەر نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟ پادىشاھقا قارشى ئىسيان كۆتۈرمەكچىمۇ سىلەر؟ _ دەپ سوئال قويۇشتى.


سانباللات، توبىيا، ئەرەبلەر، ئاممونلار ۋە ئاشدودلۇقلار يېرۇسالېم سېپىل قۇرۇلۇشىنىڭ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق يۈرۈشۈۋاتقانلىقىنى ۋە يېرىقلىرىنىڭ ئېتىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن غەزەپلەندى.


گىبال، ئاممون ۋە ئامالەك، فىلىستىيە ھەمدە تىر ئاھالىلىرى،


دۈشمەنلەر ۋەيران بولدى ئەبەدكە، ئايلىنىپ شەھەرلىرى خارابىلىككە. قالمىدى ئۇ جايلارنىڭ ناملىرى تارىخ بېتىدە.


مەن پەرۋەردىگار، خەلقىمگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا ھۇجۇم قىلغان رەزىل قوشنا ئەللەر توغرىسىدا مۇنداق دەيمەنكى، مەن بۇ ئەللەرنى ئۆزلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقىرىمەن، شۇنداقلا ئۇ يەرلەرگە ئېلىپ كېتىلگەن يەھۇدىيە خەلقىنى ئازاد قىلىمەن.


ئىدوم، موئاب، ئامموننىڭ بارلىق خەلقلىرى،


مەن شىمالدىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋە ‹خىزمەتكارىم› بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چاقىرىپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنى يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق قوشنا ئەللەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلاندۇرىمەن. مەن بۇ خەلقنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. مەن ئۇلارنى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى مەسخىرە نىشانى قىلىمەن.


ئاندىن پادىشاھ زىدقىيا بىلەن كۆرۈشكىلى يېرۇسالېمغا كەلگەن ئىدوم، موئاب، ئاممون، تىر ۋە سىدوننىڭ ئەلچىلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن.


بۇ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ موئاب توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر: «نىبو شەھىرىنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇ ۋەيران قىلىنىدۇ. قىرياتائىم شەھىرى ئىشغال قىلىنىپ، نومۇسقا قالىدۇ. ئۇنىڭ قەلئەسى ئىزا-ئاھانەتكە قېلىپ، يەكسان قىلىنىدۇ.


بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ دەمەشق توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر: «خامات ۋە ئارپاد شەھەرلىرى شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغانلىقتىن چۆچۈپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبى ئۆرلىگەن دېڭىز دولقۇنلىرىدەك تىنچلىنالمايدۇ، قورقۇنچقا تولىدۇ.


بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان قېدار خەلقى ۋە خازور زېمىنلىرى توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي بابىل قوشۇنلىرى، بېرىپ، قېدارلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، شەرقىي قۇملۇقتا ياشاۋاتقان بۇ ئەلنى يوقىتىڭلار.


بۇ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىدوم توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر. «تېمان شەھىرىدە ئەقىل-پاراسەت قالمىدىمۇ؟ ئۇنىڭ دانالىرى ياخشى نەسىھەت بېرەلمەمدۇ؟ ئەجەبا، ئۇلاردا ئەقىل-پاراسەت غايىب بولدىمۇ؟


ئەي ئىسرائىللارنىڭ پاسىق ۋە رەزىل پادىشاھى، سېنىڭ ۋاقتىڭ توشتى، سوراق قىلىنىدىغان كۈنۈڭ كەلدى.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:


ئۆگزىلەرگە چىقىۋېلىپ، كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇزلارغا چوقۇنىدىغانلارنى، ماڭا سەجدە قىلىپ، مېنىڭ نامىمدا قەسەم قىلغان تۇرۇقلۇق، يەنە ئىلاھ مولەكنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغانلارنى ھالاك قىلىمەن.


گاد قەبىلىسىدىن 45,650 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.


ئاممون خەلقىنىڭ زېمىنىغا كىرگەندە، ئۇلار بىلەن جېدەللىشىپ، ئۇرۇشۇپ يۈرمەڭلار. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە بەرمەيمەن، مەن ئۇ يەرنى لوتنىڭ ئەۋلادلىرىغا مۈلۈك قىلىپ بەرگەنمەن.»


ئاممونلار ۋە موئابلارنى ئونىنچى ئەۋلادىغىچە پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرگۈزمەڭلار.


چۈنكى سىلەر مىسىردىن چىققان ۋاقتىڭلاردا ئۇلار سىلەرنى سۇ ۋە يېمەكلىك بىلەن كۈتۈۋالمىدى. ئۇلار ئاررام-ناھارايىمدىكى پىتور شەھىرىدە تۇرىدىغان بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنى چاقىرىپ كېلىپ سىلەرنى قارغاتتى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan