Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 48:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 موئاب ئۈچۈن بىر قەبرە تۇرغۇزۇڭلار. چۈنكى ئۇ جەزمەن ۋەيران قىلىنىدۇ! ئۇنىڭ شەھەرلىرى قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ، ئۇ يەرلەردە ھېچكىم ياشىمايدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 48:9
8 Iomraidhean Croise  

پاناھلىق تاپقان تۇرسام پەرۋەردىگاردا، «قۇشقاچ كەبى ئۇچۇپ كەت ئۆز تېغىڭغا» دېگىنىڭلار نېمىسى ماڭا؟!


بولسا ئىدى قانىتىم كەپتەرلەر كەبى، پەرۋاز قىلىپ تاپار ئىدىم ئارامگاھنى.


موئاب خەلقى ئۇۋىسىدىن قوغلانغان قۇشلارغا ئوخشاش ئارنون دەرياسىدىن قېچىپ ئۆتىدۇ.


پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ قىلغان رەزىل ۋە يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭلارغا چىداپ تۇرالمىدى. شۇ سەۋەبتىن زېمىنىڭلار ھېچكىم ياشىمايدىغان چۆل-جەزىرىگە ئايلاندى. زېمىنىڭلارنىڭ نامى قارغىش سۆزى ئورنىدا تىلغا ئېلىنىدۇ. بۈگۈن ئۇ زېمىن شۇ ھالەتتە تۇرماقتا.


ئى مىسىر خەلقى، نەرسىلىرىڭلارنى تەييارلاپ، سۈرگۈن قىلىنىشقا ھازىرلىنىڭلار. نوپ شەھىرى ۋەيران بولىدۇ. ئۇ خارابىلىككە ئايلىنىپ، ئادەمزاتسىز قالىدۇ.


ئەي موئاب خەلقى، شەھەرلىرىڭلارنى تاشلاپ، تىك يارلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ ياشاڭلار. ئۆڭكۈر ئېغىزىغا ئۇۋا سالىدىغان كەپتەرلەردەك تۇرۇڭلار.


ئايالنىڭ ئەجدىھادىن دالدىلىنىپ، چۆلدىكى ئۈچ يېرىم يىل بېقىلىدىغان ماكانغا ئۇچۇپ كېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يوغان بىر بۈركۈتنىڭ ئىككى قانىتى بېرىلدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan