Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 48:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ۋەيران قىلغۇچىلار ھەربىر شەھەرگە كېلىدۇ. ھېچقانداق شەھەر قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. جىلغىلاردىكى يېزا-قىشلاقلار ۋەيران قىلىنىدۇ. ئېگىزلىككە جايلاشقان شەھەرلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 48:8
10 Iomraidhean Croise  

تۇل ئاياللار دېڭىز بويىدىكى قۇملاردىنمۇ كۆپ بولىدۇ. مەن چىڭقى چۈشتە ھالاك قىلغۇچىنى ئەۋەتىپ، ياشلارنى ھالاك قىلىمەن، ئۇلارنىڭ ئانىلىرىغا تۇيۇقسىز دەرد-ئەلەم ۋە قورقۇنچ سالىمەن.


مەن شىمالدىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋە ‹خىزمەتكارىم› بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چاقىرىپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنى يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق قوشنا ئەللەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلاندۇرىمەن. مەن بۇ خەلقنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. مەن ئۇلارنى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى مەسخىرە نىشانى قىلىمەن.


ئەي دىبون شەھىرىدە ياشايدىغانلار، مەرتىۋىلىك ئورنۇڭلاردىن چۈشۈپ، قۇرۇق يەردە ئولتۇرۇڭلار. چۈنكى موئابنى ۋەيران قىلغۇچىلار سىلەرگىمۇ ھۇجۇم قىلىپ، مۇستەھكەم شەھەرلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىدۇ.


چۈنكى بىر ۋەيران قىلغۇچى بابىلغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بابىلنىڭ جەڭچىلىرى ئەسىرگە چۈشۈپ، ئوقيالىرى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار جازالايدىغان خۇدادۇر. ئۇ چوقۇم قىساس ئالىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن مەن دېدىم: «ئەي، مېنىڭ قەدىرلىك خەلقىم، ماتەملىك كىيىمىڭلارنى كىيىپ، كۈلگە مىلىنىپ، قايغۇ-ھەسرەتكە چۆمۈڭلار. خۇددى يالغۇز بالاڭلارنى يوقىتىپ قويغاندەك قاتتىق قايغۇرۇڭلار. چۈنكى ۋەيران قىلغۇچى قوشۇن ناھايىتى تېزلا كېلىپ، بىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ.»


شۇڭا مەن موئابنىڭ غەربىي چېگراسىنى ئاچىمەن. موئابنىڭ چېگراسىدىكى گۆھەر شەھەر ھېسابلانغان بەيت-يىشىموت، بائال-مىئون، قىرياتائىم شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىمەن.


ئۇ يەنە خەشبون شەھىرى ۋە شۇ ئېگىزلىكتىكى بارلىق شەھەرلەرنى _ دىبون، باموت-بائال، بەيت-بائالمىئون،


شۇنداقلا، رۇبېن قەبىلىسىنىڭ زېمىنى شۇ ئېگىزلىكتىكى بارلىق شەھەرلەردىن سىرت يەنە ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخون خەشبون شەھىرىدە تۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان بارلىق زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇسا پەيغەمبەر ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى ئەۋى، رەقەم، زۇر، خۇر، رەبا قاتارلىق مىديان خەلقىنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى بىلەن بىللە مەغلۇپ قىلغان. بۇ قەبىلە باشلىقلىرى سىخون پادىشاھنىڭ قول ئاستىدا بولۇپ، شۇ زېمىندا ياشايتتى.


ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارنون جىلغىسىدىكى ئاروئېر شەھەردىن باشلىنىپ، جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مېدىبا شەھىرى جايلاشقان پۈتۈن ئېگىزلىكتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، دىبون شەھىرىگىچە سوزۇلۇپ بارىدۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan