6 ئۇلار ‹قېچىڭلار! ھەتتا چۆلدىكى يېگانە چاتقالغا ئوخشاش قالساڭلارمۇ، قېچىپ ئۆزۈڭلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار!› دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلايدۇ.
ئۇلار شەھەردىن چىقىشى بىلەنلا، پەرىشتىلەردىن بىرى: _ سىلەر جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار! كەينىڭلارغا قارىماڭلار، تۈزلەڭلىكتە توختىماڭلار، تاغقا قېچىڭلار! بولمىسا، ھالاك بولىسىلەر، _ دېدى.
پاناھلىق تاپقان تۇرسام پەرۋەردىگاردا، «قۇشقاچ كەبى ئۇچۇپ كەت ئۆز تېغىڭغا» دېگىنىڭلار نېمىسى ماڭا؟!
ئۇلار چۆل-جەزىرىدىكى چاتقالغا ئوخشاش گۈللىنىشنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرەلمەيدۇ. ئۇلار چۆل-باياۋاندىكى ھېچنېمە ياشىيالمايدىغان شورلۇق، قۇرغاق جايلاردا ياشايدۇ.
ئەي بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلار، بابىلدىن قېچىپ چىقىپ، جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار! ئۇنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن تۈگەشمەڭلار. چۈنكى ئۇلاردىن قىساس ئالىدىغان ۋاقىت كەلدى، مەن ئەمدى بابىلنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا تېگىشلىك جازاسىنى بېرىمەن.
خالايىق يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن. توپ-توپ بولۇپ كېلىشتى. بىراق، يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: - ئەي ساختىپەز يىلانلار! توۋا قىلماي، خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلايلى، دېگىنىڭلار قانداق گەپ؟!
خۇدانىڭ بىزگە بەرگەن ۋەدىسى ۋە قەسىمى ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ. چۈنكى، خۇدا يالغان سۆزلىمەيدۇ. شۇڭا، خۇدادىن پاناھلىنىۋاتقان بىزلەر ئۇنىڭ ۋەدىسى ۋە قەسىمىدىن كۆپ ئىلھامغا ئېرىشىپ، كۆز ئالدىمىزدىكى ئۈمىدتە ئىشەنچ بىلەن چىڭ تۇرالايمىز.