39 موئاب پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ، ئۇنىڭ خەلقى ھۆڭرەپ يىغلايدۇ ۋە ئېغىر ئاھانەتكە قالىدۇ! موئاب قورقۇنچلۇق ھالىتى بىلەن ئەتراپىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ.»
موئاب خەلقى ئۆزىنىڭ بۇت ئىلاھى كىموشتىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ، ئۇلار خۇددى ئىسرائىللار بەيتەلدىكى موزاي بۇتقا ئىشىنىپ ئۈمىدسىزلەنگەندەك ئۈمىدسىزلىنىدۇ.
موئابنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان، ئۇنىڭ نام-شەرىپىنى بىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكۈڭلار، ‹موئابنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە شان-شەرىپى يوقاپ كەتتى› دەڭلار.
ئاھ، بىر چاغلاردا ئادەملەرگە لىق تولغان شەھەر، ئولتۇرۇپتۇ ئەمدى پېتىپ يالغۇزلۇققا! بىر چاغلاردا ئەللەر ئارا مەشھۇر شەھەر، ئوخشاپ قاپتۇ ئەمدى پەقەت تۇل ئايالغا. بىر چاغلاردا مەلىكە ئىدى ئۇ ئۆلكىلەر ئارا، ئەمدى ئۇ ئوخشاپ قالغان يوقسۇل قۇلغا.
ئاھ، ئىگىمىزنىڭ غەزىپى خۇددى قارا بۇلۇتقا ئوخشاش قاپلىدى سىئوننى، ئەرشتىن ئېلىپ، تاشلىدى يەرگە ئىسرائىلىيەنىڭ شەرىپىنى. ئۇ غەزەپلەنگەندە ئۆزىنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئويلاپمۇ قويمىدى.
ئاھ، ئالتۇن يوقاتقان جۇلاسىنى، ساپ ئالتۇنمۇ ئۆزگەرتكەن رەڭگىنى! ئىبادەتخانىنىڭ تاشلىرى چېچىلغان كوچىلارغا.