يەرەمىيا 48:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 خورونايىم شەھىرىدىن كېلىۋاتقان يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاڭلار. ئۇلار ‹ۋەيران بولدۇق، ھالاك بولدۇق!› دەپ يىغلايدۇ. Faic an caibideil |
پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «قاراڭلار، شىمالدا دۈشمەن توپلىنىۋاتىدۇ، خۇددى سۇ ئۆرلەۋاتقاندەك. ئۇلار دەريادەك تاشماقچى بولۇۋاتىدۇ. پۈتكۈل زېمىندىكى ھەممە نەرسىلەر كەلكۈندە قالىدۇ، شەھەر ۋە ئادەملەر سۇ ئاستىدا قالىدۇ. كىشىلەر ئالاقزادە بولۇپ، ۋارقىرايدۇ. بۇ زېمىندا ياشايدىغان ھەممە كىشىلەر ئازابلىنىپ يىغا-زار قىلىدۇ.