يەرەمىيا 48:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى27 ئەي موئاب، سەن ئىسرائىللارنى مەسخىرە قىلدىڭ. سەن ئۇلارنى پەقەت ئوغرى دەپلا ئويلىدىڭمۇ؟ قاچانلا ئىسرائىللار توغرىسىدا گەپ قىلساڭ، بېشىڭنى چايقاپ، ئۇلارنى مەنسىتمىدىڭ. Faic an caibideil |
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن موئابلارنىڭ مەسخىرىلىرى ۋە ئاممونلارنىڭ ھاقارەتلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلار خەلقىمنى مەسخىرە قىلىپ، زېمىنلىرىنى بېسىۋالىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى. مەن، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، موئاب جەزمەن سودومدەك، ئاممونلار گومورادەك ۋەيران بولىدۇ. ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى شور ۋە تىكەن بېسىپ، مەڭگۈلۈك چۆل-باياۋانغا ئايلىنىدۇ. ئامان قالغان خەلقىم ئۇلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، زېمىنلىرىنى بېسىۋالىدۇ.»