Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 48:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 ئۇلار: ‹موئاب مەغلۇپ بولۇپ، نومۇسقا قالدى، ئۈنلۈك ۋارقىراپ يىغلاڭلار، موئابنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئارنون دەرياسىنىڭ قىرغاقلىرىدا جاكارلاڭلار!› دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 48:20
10 Iomraidhean Croise  

پۈتكۈل موئاب زېمىنىدا ئۇلارنىڭ نالە-پەريادى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ نالە-زارى ئەگلايىم شەھىرىگىچە يېتىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ داد-پەريادى بەئەر-ئېلىم شەھىرىگىچە ئاڭلىنىدۇ.


موئاب خەلقى ئۇۋىسىدىن قوغلانغان قۇشلارغا ئوخشاش ئارنون دەرياسىدىن قېچىپ ئۆتىدۇ.


ئارنون جىلغىسىنىڭ چېتىگە جايلاشقان ئاروئېر شەھىرى ۋە جىلغىنىڭ ئىچىدىكى شەھەردىن تارتىپ تاكى گىلئادقىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق شەھەرلەرمۇ بىزگە تاقابىل تۇرالمىدى. پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇردى.


ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارنون جىلغىسىدىكى ئاروئېر شەھەردىن باشلىنىپ، جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مېدىبا شەھىرى جايلاشقان پۈتۈن ئېگىزلىكتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، دىبون شەھىرىگىچە سوزۇلۇپ بارىدۇ.


ئۇلار چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ، ئىدوم زېمىنى بىلەن موئاب زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، موئاب زېمىنىنىڭ شەرقىگە يېتىپ كېلىپ، ئارنون دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدا بارگاھ قۇردى. بىراق ئۇلار موئابلارنىڭ تەۋەلىكىگە كىرمىدى، چۈنكى ئارنون دەرياسى موئابلارنىڭ چېگراسى ئىدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan